باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن–خېبېيدا خىزمەت تەكشۈرۈشى بېيجىڭدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-01-22 16:54:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمائىل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈرۈپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پىلاننى ياخشى ئىجرا قىلىش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەختنىڭ يەنە بىر گۈزەل شەھەر ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىدىن بېيجىڭ شەھىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما تولۇق غەيرەتكە كەلدى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش- كۆپچىلىكنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىگە كەلدى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇي جېنجياڭ نەق مەيداندا باش شۇجىغا ئەھۋال تونۇشتۇردى، ئۇ باش شۇجىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئەھۋاللارنى ناھايىتى تەپسىلىي ئاڭلىدى، قوشۇمچە مەركەزنىڭ قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا، بولۇپمۇ مەركىزىي شەھەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتكە بېرىش-كېلىشىدىكى قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ رېلىسلىق قاتناشنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. كۇتۇپخانا لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا، كۇتۇپخانا بوشلۇقىدىكى ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى، تېخنىكا جەھەتتىن ھەل قىلىشقا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى ئالايتەن سورىدى، چوقۇم يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى قۇرۇشتا ئالدىن پىلانلاش، سۈپەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجۇ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ روڭ مۇنداق دېدى: بۇ شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنى كېيىنكى قەدەمدە پىلانلاپ قۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىرى ئەڭ ئىلغار ئىدىيە، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ ياخشى سۈپەت تەلىپى بويىچە، پىلاننىڭ سۈپىتىنى ئەڭ ياخشى قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆك بىلەن يېشىلنى گىرەلەشتۈرۈشنى شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنىڭ ئاساسى قىلىش لازىم. يەنە بىرى، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى ۋە تەستىقلانغان قوشۇمچە مەركەزنىڭ كونترول قىلىش تەپسىلىي پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە، بېيجىڭنىڭ مەركىزىي رايونىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىشقا يەنىمۇ جەلپ قىلىپ، قوشۇمچە مەركەزنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ مول ۋە ئۈنۈملۈك قىلىشىمىز كېرەك.

بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان ۋە تەبىئىي بايلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي پىلان ۋە كونترول قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ تاغ-دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنىڭ تۈرلۈك بوشلۇق بايلىقى ۋە تۈرلۈك مەخسۇس پىلانلارنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك.

تەكشۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قاشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ بېيجىڭ شەھىرىگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار ئىتتىپاق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ شىچۈننى قاتتىق ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزى قەلبىمىزنى ئىللىتتى، قەلبىمىز كۈچكە تولدى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى بارلىق ئورگان كادىرلىرىنىڭ چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، خىرىستىن قورقماي، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

1124021712_15480799307461n.jpg
1124003829_15477079840751n.jpg