رەئىس شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
0
2019-01-21 11:19:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مېكسىكىدا يۈز بەرگەن نېفىت تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىدە ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپېزغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا نېفىت تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىدىن چۆچۈپ خەۋەر تاپتىم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

مېكسىكىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى جورج ئالىكسېل مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەتتە مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى يۈز بەرگەن نېفىت تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىدە 79 كىشى قازا قىلدى، ئاز دېگەندە 81 كىشى يارىلاندى.

 

1124003829_15477079840751n.jpg
1123999899_15476409017331n.jpg