باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى
0
2019-01-20 16:49:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

زىمىستان قىش پەسلىدە، شىمالىي جۇڭگو زېمىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ قىزغىن دولقۇنىغا چۆمدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈرۈپ، ئومۇملۇق يۈكسەكلىكى ۋە يىراقنى كۆرۈش نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلمىي پىلانلاپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇلۇغ پىلانغا مۇجەسسەملەنگەن سەمىمىي تاپشۇرۇق-بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخىمۇ روھلاندۇردى. كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىمىزگە ئېلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇزۇنغىچە تۆھپە قوشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز دېدى.

خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۈشىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئەھۋاللارنى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى، شيۇڭئەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات بوشلۇقىدا، شەھەر بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى، شەھەر بىلەن بەيياڭ كۆلىنىڭ مۇناسىۋىتى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، شيۇڭئەن كۆلنىڭ سەۋەبىدىن شەھەر قىلىنغان، بۇنىڭدا چوقۇم ئالدى بىلەن بەيياڭ كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى ئاسراش لازىم دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىدى. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى شيۇڭئەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ياڭ بىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا يول ئېچىپ ئاۋانگارتلىق بىلەن ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇلۇش قىلىپ، تېرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىنى جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئۈلگىسى ھەم بەلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈرگەندە ئالدى بىلەن خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا باردى، بۇ-ئۇنىڭ ئارىدىن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم شيۇڭئەنگە كېلىشى. ئۇ يېڭى رايون ئالدى بىلەن پىلانلاش، قۇرۇلۇش ئىدىيەسى جەھەتتىن يېڭى بولۇشى، يىراقنى كۆرەرلىك، يېتەكچىلىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى كۆپچىلىككە زېممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، شيۇڭئەننىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

بۇلتۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شيۇڭئەن يېڭى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى سىفىر تېخنىكىسى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىرلا كۆزنەكتە بېجىرىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلماقتا. خىزمەتچىلەر بىلەن بۇ يەرگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن كارخانا خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ ھەممە رەسمىيەتنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىمدىلا بېجىرگىلى بولىدىغان مۇشۇنداق ئىسلاھات تەدبىرىنى تەپسىلىي سوراپ، كونكرېت تەدبىرلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

شيۇڭئەندىكى «مىڭ يىللىق باراقسان ئورمانلىق»نىڭ 110 مىڭ مو يېرىگە ئورمان ئەھيا قىلىنىپ بولدى، باش شۇجى بۇ يەردە، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. كۆپچىلىك بىز چوقۇم تاپشۇرۇقىڭىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، بۇ مىڭ يىللىق يېشىللىقنى شيۇڭئەن بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلدۈرىمىز دېدى.

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باش شۇجىنىڭ كۈچلۈك ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. پۈتۈن دۇنيادىكى 500 دىن ئارتۇق پورت بىلەن سودا ئالاقىسى بار تيەنجىن پورتىنىڭ پىرىستانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىقىۋاتقان دېڭىز شامىلىغا قارىماي نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇ كۆپچىلىكنى تېرىشىپ ئىشلەپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئاقىل پورت، يېشىل پورتنى تېرىشىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى. باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ يەر تيەنجىن-خېبېي پورت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەشيالارنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي دېڭىز چىقىش يولىنى ئاچماقتا.

تيەنجىن بىنخەي-جۇڭگۈەنسۈن پەن-تېخنىكا باغچىسىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانىلارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى بېيجىڭدىن كەلگەن. باش شۇجىنىڭ كېلىشى بىلەن بۇ يەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. باش شۇجى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەسلىھەسى بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېردىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغىچە بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بىر-بىرلەپ تەپسىلىي كۆردى.

يىفېي جىكۇڭ شىركىتىنىڭ 1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان باش دىرېكتورى چى جۈنتۇڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ باش ئورگىنىمىز تيەنجىندە، تەتقىقات مەركىزىمىز بېيجىڭدا، سىناق ئورنىمىز خېبېيدا، بىز ئۈچ جاينىڭ ماسلىشىشىغا تايىنىپ، قىسقىغىنا نەچچە يىلدا خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان توپلىما مۇستەقىل كونتىرول سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق.

ئىسلاھات، تەرەققىيات-تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنى بەختلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. باش شۇجى تيەنجىندە يەنە چىقىۋاتقان سوغۇق شامالغا قارىماي، مەھەللە، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ، ئاددىي شەھەر ئاھالىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، پىدائىيلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ھال-ئەھۋال سوراپ، تەرەققىيات ئۈستىدە مۇڭداشتى.

باش شۇجى تيەنجىن شەھىرى خېپىڭ رايونى چاۋياڭلى مەھەللىسىدە، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش، كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك دېدى. نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان خېپىڭ رايونى چاۋياڭلى مەھەللىسى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جوپېڭ ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن دېدى.

بۇ قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىگە 3-قېتىم كېلىشى ئىدى. مەمۇرىيەت ئىشخانا رايونىدا ھەمراھ بولۇپ چۈشەندۈرگەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي جېنجياڭ مۇخبىرغا، باش شۇجى شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنىڭ قاتناش تۈگۈنىنى لايىھەلەش ۋە قۇرۇش ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى دېدى.

بېيجىڭ شەھىرى توڭجۇ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ زەنرۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مەن سىلەرنىڭ كۆچۈپ كەلگەنلىكىڭلارنى بىلىمەن، ئەسلىدە شەھەردە ئىشقا يېرىم سائەتتىلا بارالايتتىڭلار، ھازىر بولسا بىر يېرىم سائەتتە بارىسىلەر، كۆپچىلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يەڭدى دېگەن سۆزلىرى مەندە بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، باش شۇجى يەنە كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ، قوشۇمچە مەركەزگە كۆچۈش ئېلىپ كەلگەن ياخشى نەتىجىدىن چوقۇم ئوبدان بەھرىمەن بولۇڭلار دەپ ئىلھاملاندۇردى. بىز چوقۇم تارىخىي سەۋرچانلىق، شەھەرگە تۆھپە قوشۇشتا بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بار دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، باش شۇجىنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم يوليورۇقلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنى يېڭى دەۋردىكى ئۆزگىچە ئىناق، تۇرۇشقا باب شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

 

1124003829_15477079840751n.jpg
1123999899_15476409017331n.jpg
1123998196_15476186772771n.jpg