شيۇڭئەندىكى كادىرلار ۋە ئامما: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز
0
2019-01-20 12:07:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئاممىسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز دېدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈردى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئاممىسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن 1-ئاينىڭ 16-كۈنى يەنە بىر قېتىم خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى پىلان كۆرگەزمە مەركىزىدە، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش-مىڭ يىللىق ئۇلۇغ پىلان. يېڭى رايون ئالدى بىلەن پىلانلاش، قۇرۇلۇش ئىدىيەسى جەھەتتىن يېڭى بولۇشى، يىراقنى كۆرەرلىك، يېتەكچىلىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بەلگىسىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۈشىن مۇنداق دېدى: بىز خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پىلاننى ئاخىرىغىچە پىلانلىشىمىز ھەم ئاخىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم. بۇ يەنە دۇنياۋى نەزەر، خەلقئارا ئۆلچەم، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، ئالىي ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تەلىپى، تارىخىي سەۋرچانلىقنى يەنىمۇ ساقلىشىمىز كېرەك. پىلاندىن مەزمۇنغىچە، يەنە بىر قىسىم ئىنچىكە، مۇكەممەل ئىشلەيدىغان خىزمەتلەرگىچە، باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئالدى بىلەن ھەر بىر پارچە يەرنى ئېنىق، تەپسىلىي پىلانلاپ، ئاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلىپ، بۇ پىلاننى يەنىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي، ئىنچىكە، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە چوڭ ئېكران ئارقىلىق بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىنىڭ شيۇڭئەن ۋوگزالى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، قۇرۇلۇشچىلارنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇشتا يول ئېچىپ ئاۋانگارتلىق بىلەن ئىشلىدىڭلار دەپ ماختىدى. بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ياڭ بىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرى باش شۇجىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندى. باش شۇجىنىڭ ماختىشى-بىزگە نىسبەتەن ھەم ئىلھام ھەم تۈرتكە. مېنىڭچە، بىزگە ئوخشاش تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەسلى مەقسەتنى چوقۇم ئۇنتۇماي، بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىنى بەلگە قىلىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋرىدىكى بىخەتەر، ئىشەنچلىك، تېخنىكىسى ئىلغار، سۈپىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نادىر قۇرۇلۇشنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئۈلگىسى ھەم بەلگىسىنى تىكلىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، دەللەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. شيۇڭئەن يېڭى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى لياڭ دۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: بىز سىفىر تېخنىكىسى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىرلا كۆزنەكتە بېجىرىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى قىياپەت بىلەن كارخانىلار ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئېسىل ئوبرازىنى نامايان قىلىمىز. بىز باش شۇجىنىڭ بىزگە بولغان كۈچلۈك ئۈمىدىنى ناھايىتى روشەن ھېس قىلدۇق، باش شۇجى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. بۇندىن كېيىن بىز تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، يېڭى رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىمىز.

تۇنجى تۈركۈمدە شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا ئىگىلىك تىكلىگەن بېيجىڭلىق ياشلارنىڭ ۋەكىلى، شيۇڭشيەن ناھىيەلىك ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جەي خۇڭتاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز تېخىمۇ چوڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، شيۇڭئەندە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىرادە باغلىغان ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىمىز. كېيىن بۇ يەرگە تېخىمۇ كۆپ بايلىق جۇغلىنىدۇ، بىز تۈزۈمىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشلىرىمىزنىڭ جاسارىتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىمىز. بىزنىڭ خىزمەتنى پۇختا، ئەستايىدىل ئىشلىشىمىزگە قالتىس ئىشەنچىمىز بار.

باش شۇجى خىزمەت تەكشۈرگەن كۈنى، باۋخۇا مۇداپىئە ئىشلىرى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ يۈشىن شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا تۇنجى تۈركۈمدە ماكانلىشىپ «تيەنجى ئىنتېرنېت تايانچلىرى تورى قۇرۇلۇشى»نى ئۈستىگە ئالغان كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا كۈچ چىقىرىمىز. چاغاندىن كېيىن، پۈتۈن لىنىيەنىڭ يەر يۈزى ئۇل ئەسلىھەسىدە ئىش باشلىنىدۇ. بىز كېلەر يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىمىزنى شيۇڭئەندە پۈتتۈرۈپ بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئالدى بىلەن كۆكەرتىش، ئاندىن كېيىن شەھەر قۇرۇش-شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بىر يېڭى ئىدىيە. باش شۇجى شى جىنپىڭ «مىڭ يىللىق باراقسان ئورمانلىق» بەرپا قىلىش رايونىدا كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندە، ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان قوغداشقا قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە كىرىم ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، دېھقانلارنى ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان قوغداشتىن ئۇزۇن مۇددەت نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تاپىلىدى. باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى-شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى يەرلىك ئاممىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شيۇڭئەن يېڭى رايونى رۇڭچېڭ ناھىيەسى لىلاڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى جاڭ شياۋلې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ كېلىشى بىلەن يېڭى رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى چوقۇم تېخىمۇ تېزلىشىدۇ، بىز چىقىش يولى ھەم ئۈمىدنى كۆردۇق. يېڭى رايون قۇرۇلۇشى-مىڭ يىللىق ئۇلۇغ پىلان، بۇ-ئەۋلادلىرىمىزغا بەخت يارىتىدۇ. بۇ يەر كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى شەھەرگە ئايلىنىدۇ، بىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال ھەم ئىپتىخارلىنىمىز.

 

1124003829_15477079840751n.jpg
1123999899_15476409017331n.jpg
1123998196_15476186772771n.jpg