شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈردى
0
2019-01-19 20:09:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈردى ھەم بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، مۇقىم، پۇختا ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ماھىرلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. خەن جېڭ خىزمەت تەكشۈرۈشكە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈردى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇملۇقنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە تېخىمۇ يىراقنى كۆرۈش نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق، تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىقنى كۈچەيتىپ، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىم، پۇختا ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ماھىرلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى خىزمەت تەكشۈرۈشكە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

زىمىستان قىش پەسلىدىكى شىمالىي جۇڭگو زېمىنىدا سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى شۈچىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ ۋە شەھەر باشلىقى جاڭ گوچىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى ۋە شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھەمراھلىقىدا، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى، تيەنجىن، بېيجىڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئەمەلىي ئىگىلىدى.

شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى پىلان كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ، يېڭى رايوننىڭ ئومۇمىي پىلانى، سىياسەت سىستېمىسى ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، باشلاش رايونىدىكى شەھەر لايىھەلەش نەتىجىلىرىنى جۇغلاش مودېلى ۋە پات ئارىدا باشلىنىدىغان زور قۇرۇلۇش، نۇقتىلىق تۈرلەر ھەققىدىكى كۆرگەزمىنى كۆردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇش-مىڭ يىللىق ئۇلۇغ پىلان. يېڭى رايون ئالدى بىلەن پىلانلاش، قۇرۇلۇش ئىدىيەسى جەھەتتىن يېڭى بولۇشى، يىراقنى كۆرەرلىك، يېتەكچىلىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بەلگىسىنى تېرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ چوڭ ئېكران ئارقىلىق بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىنىڭ شيۇڭئەن ۋوگزالى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شيۇڭئەن يېڭى شەھىرى-دۆلىتىمىزنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغ پىلانى. شەھەر قۇرۇش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قاتناش ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، شۇڭا بىز شيۇڭئەن يېڭى شەھىرىنى قۇرۇشتا ئالدى بىلەن قانتاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. بېيجىڭ-شيۇڭئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئەڭ ئالدىدا يولغا قويۇلغان، بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا شۇنىسى ئېنىقكى، سىلەر بۇ مىڭ يىللىق ئۇلۇغ پىلان ئۈچۈن يول ئېچىپ ئاۋانگارتلىق بىلەن ئىشلىدىڭلار، تۆھپەڭلەر قالتىس، سىلەرگە نىسبەتەنمۇ كىشىلىك ھايات مەنىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئېشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن سىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، سۈپەت ۋە مىقدارنى كاپالەتلەندۈرۈپ، بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا، مەن كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلايمەن، ئائىلەڭلەرغا بەخت تىلەيمەن.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن پىيادە مېڭىپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ، مۇلازىمەت كۆزنىكىنى كۆردى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ «بىر تامغا بىلەن ئاخىرىغىچە بېجىرىش»تىن ئىبارەت بىر تۇتاش مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش تەڭ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، دەللەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ زالىدا، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى شى جىنپىڭنىڭ قېشىغا كەلدى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئېكولوگىيەنى ئالدىغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت تۈزەشنى ئالدى بىلەن يولغا قويدى. شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، «مىڭ يىللىق باراقسان ئورمانلىق» بەرپا قىلىنىدىغان داچىڭ دەرياسى ئورمان 1-رايونىدىكى ئورمان ئەھيا قىلىش ئورنىغا بېرىپ، ماشىنا بىلەن ئورمان رايونىدىكى ئورمانلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى ھەم شيۇلىن ئۆتىڭىدە كۆرگەزگە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئەھۋالى ھەم «مىڭ يىللىق باراقسان ئورمانلىق» رايونىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، 2-قەۋەتتىكى سۇپىغا چىقىپ ئورمان رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا سەپسالدى، ئۇلار قوللانغان ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن ئورمان باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى ماختىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالدى بىلەن كۆكەرتىش، ئاندىن كېيىن شەھەر قۇرۇش-شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بىر يېڭى ئىدىيە. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت-شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ مۇھىم قىممەت نامايەندىسى. «مىڭ يىللىق ئۇلۇغ پىلان»نى «مىڭ يىللىق باراقسان ئورمانلىق» بەرپا قىلىشتىن باشلاپ، كۆك ئاسمان بىلەن يېشىل زېمىن ھەمنەپەس بولغان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل مۇھىتنى تېرىشىپ داۋاملىق يارىتىش كېرەك. ئۇ ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان قوغداشقا قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە كىرىم ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، دېھقانلارنى ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان قوغداشتىن ئۇزۇن مۇددەت نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تاپىلىدى.

1-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ تيەنجىن نەنكەي داشۆسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەنكەي داشۆسى1919-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شەرەپلىك ۋەتەنپەرلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە داڭلىق مەكتەپ. شى جىنپىڭ مەكتەپ تارىخى كۆرگەزمىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، نەنكەي داشۆسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىلىم-پەن قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، پەن-تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەكتەپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان جاي. ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي يۈرىكى، مىللىي روھى، سوتسىيالىزىمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسياتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى چىڭ تۇتۇشنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرى قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى بىر قىسىم ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسلەر، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇتەخەسس تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى. سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسىپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىشنى ئالىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، باشتىن-ئاخىر چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېلمېنتلار ئورگانىك خىمىيىسى دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجىربىخانىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالدىنقى قاتاردىكى داشۆ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەن قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن دۇنيا پەن تېخنىكىسىنىڭ چوققىسىغا چىقىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ھازىر ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشتىن، بېيىشقىچە ئۇنىڭدىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان باسقۇچنى كۈتۈۋالدۇق، بىز ئۆگىنىشنىڭ كونكىرت نىشانىنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىمىز كېرەك. كىچىك مەننى چوڭ مەنگە يۇغۇرغاندىلا، دېڭىزدەك كەڭ قورساقلىققا، تاغدەك ئالىجاناپلىققا ئىگە بولالايمىز. سىلەرنىڭ پۇختا ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سىلەر بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ تەجىربىخانىدىن چىققاندا مەكتەپ مەيدانى ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغان ئىدى، كۆپچىلىك «باش شۇجى ياخشىمۇسىز»،«باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز»، «جۇڭخۇانى سۆيىمىز، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرىمىز» دەپ تەڭ توۋلىدى، يەنە «مەن ۋە ۋەتىنىم» دېگەن شېئىرنى ئوقۇدى. شى جىنپىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يىراقتا تۇرغان ساۋاقداشلارغا قول پۇلاڭلىتىپ سالاملاشتى. چاۋاك ئاۋازى، ناخشا ساداسى، ئالقىش ساداسى مەكتەپ مەيدانىدا ئۇزۇنغىچە ياڭرىدى.

كەينىدىن شى جىنپىڭ تيەنجىن خېپىڭ رايونى شىنشىڭ كوچىسىنىڭ چاۋياڭلى مەھەللىسىگە بېرىپ، پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ئۇنىۋېرسال ئىش بېجىرىش زالىغا كىرىپ، مەھەللىنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەھەللىنىڭ خىزمىتى كونكىرت، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئاھالىلارغا ۋاقتىدا دەل، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مەھەللىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش باشقۇرۇش پونكىتىغا كىرىپ، مەھەللىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى كونكىرت ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئاپپاراتىنى قۇرۇش سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش كاپالىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى پۈتۈن جەمىيەتتە ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چاۋياڭلى مەھەللىسى مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى مەھەللە پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ بۆشۈكى. مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۆرگەزمىخانىسىدا، شى جىنپىڭ پىدائىيلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى، تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، پىدائىيلارنىڭ تەقدىم قىلىش، مېھرى–شەپقەت يەتكۈزۈشىدىكى مۇھىم يول. پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سەھنە ھازىرلاپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك.

تيەنجىندە نۇرغۇن ئالاھىدە ئۇسلۇبتىكى يېقىنقى زامان ئىمارەتلەر ۋە تارىخىي مەدەنىيەت كوچلىرى ساقلاپ قېلىنغان. شى جىنپىڭ خېبېي رايونى مىللەت يولىدىكى لياڭ چىچاۋنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا بېرىپ، كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ تيەنجىن شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچىلىرىنى قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەدىرلەپ، قوغداش جەريانىدا راۋاجلاندۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا قوغداش كېرەك.

تيەنجىن پورتىنىڭ دۇنيادا 180 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 500 نەچچە پورت بىلەن سودا ئالاقىسى بار. 1-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ تيەنجىن پورتى پرېستانىغا بېرىپ، نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پورت پرېستانىنىڭ مەشغۇلاتى ۋە ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ تەڭشەش قوماندانلىق مەركىزىگە كىرىپ، چوڭ ئېكران ئارقىلىق پورتنىڭ پۈتۈن قىياپىتىنى كۆردى، نەق سانلىق مەلۇماتلارغا بىرلەشتۈرۈپ تيەنجىن پورتىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن–خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن قاتناش بولۇپمۇ دېڭىز قاتنىشىنى ئالدى بىلەن كۈچلەندۈرۈش كېرەك. يۈكسەك ئىرادە بىلەن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقلىي پورت، يېشىل پورت قۇرۇپ چىقىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» نى بىرلىكتە قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىي ئىقتىساد چوڭ دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئىقتىساد ئەمەلىيلىكتىن ئايرىلىپ مەۋھۇم بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئەمەلىي ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇپ، داۋاملىق بوشاشماي كۆرەش قىلىپ، ئەستايىدىل ۋە پۇختا قەدەم بىلەن دۇنيانىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ تيەنجىن پورتىدىن ئايرىلىپ، تيەنجىننىڭ بىنخەيدىكى جۇڭگۇەنسۈن پەن تېخنىكا باغچىسىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ماسلاشما يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمە مەركىزىدە «سامانيولى» ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر، فېيتىڭ ئۆزىكى، چىلىن مەشغۇلات سىستېمىسى، سۈنئىي ئاقىل توك تەقسىملەش تورى توكلۇق مەشغۇلات قىلىش ماشىنا ئادىمى، ئادەمسىز ئايروپىلان توپىنى ئەقلىي كونترول قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوۋۋەت ئالماشتۇرۇشنىڭ جىددىي تەلىپى ۋە مۇھىم تىرىكى. پەن-تېخنىكا باغچا رايونىنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بېيجىڭدىكى تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى بايلىقىنى باغچا رايونىغا مەبلەغ سېلىشقا ياكى كەسپىنى كېڭەيتىشكە جەلىپ قىلىپ، بېيجىڭ بىلەن تيەنجىندىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تۇلۇقلاش، كۈچلۈكلەر بىرلىشىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ماشىنا بىلەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قۇشۇمچە مەركىزىگە باردى ھەمدە يول بويىدىكى «شەھەرنى يېشىللاشتۇرۇش» كۆچەت تېكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش بۆلىكىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانا بىناسىنىڭ ئاساسلىق بىناسىدا لايىھەلەش مودېلى ۋە كۆرگەزمە تاختىسى ئارقىلىق، شەھەر قۇشۇمچە مەركىزىنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى قۇرۇشتا پىلانلاننى ئالدى بىلەن يولغا قويۇش، سۈپەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى ئىمارەتلەرنى تاغ-دەريالار، تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىلمىي پىلانلاپ، خىزمەت، ئولتۇراقلىشىش، ئىستراھەت، قاتناش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىقلارنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، قولايلاشتۇرۇش كېرەك. پىلاننى ياخشى ئىجرا قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلاننى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەختنىڭ يەنە بىر يارقىن شەھەر نام كارتىسىىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانا بىناسىنىڭ ئاساسىي بىناسى يىغىن زالىدا بېيجىڭ-تيەنجىن -خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماسلاشما تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش ئىدىيىۋى تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەپەككۈر قىلىش، ئۇل سېلىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۈردى، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دومىلىما تاش تاغقا چىقىپ، ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتەك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇنداق ئالتە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، «مۇھىم ھالقا»نى چىڭ تۇتۇپ بۇشاشتۇرماسلىق، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەلىرىنى پائال، پۇختا، تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇسۇل-چارىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشۇرۇلما مىقدارنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە ساقلانما مىقدارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى فونكىسىيەنى قايتا تەشكىللەش ۋە سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچ چىقىرىپ، پۇختا تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ يولغا قويۇش كېرەك. مەۋقەنى بېيجىڭنىڭ «تۆت مەركەز» فۇنكسىيەلىك ئورنىغا قارىتىپ، پايتەختنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئىككىنجى، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. لايىھەلەش نەتىجىسىنى كونترۇل خاراكتېرلىك تەپسىلىي پىلانغا تولۇق قوبۇل قىلىپ ۋە نامايەن قىلىپ، پىلاننىڭ قەتئىيلىكى ۋە چەكلىمىسىنى ساقلاپ، قانۇن، نىزام ئارقىلىق، پىلاننى داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، بېيجىڭنىڭ شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بېيجىڭنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونى «كونا شەھەرنى قايتا تەشكىللەش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مۇھىم پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئاساسلىق مەنبىيىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەۋقەنى ئادەم، مال، ئۇچۇر ئېقىمى قاتارلىق ئامىل بازىرىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماسلاشما تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان مەمۇرىي توساق ۋە تۈزۈلمە-مېخانىزم توساقلىرىنى تۈگىتىپ، ماسلاشما تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشىلاش كېرەك. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ نامرات رايونلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىننىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، 2020ـ يىلى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي رايونلىرىدىكى نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىق قالپىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فونكىتسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم نۇقتا»نى چىڭ تۇتۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسەت، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فونكىتسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەم يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ يېڭى « ئىككى قانات » قۇرۇلۇشىنى ياخشى پىلانلاش كېرەك. رايون ھالقىغان زور رېلىسلىق قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ لىفىت بىلەن بىرىنچى قەۋەتتىكى چوڭ زالغا كەلدى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنى قىزغىن چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلىتىپ سالام بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇڭلار. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى قۇرۇش- بېيجىڭ پايتەخت بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، يېڭى دەۋردە بېيجىڭنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زور پۇرسەت. بىز ئورتاق تىرىشىپ بۇ ئىشنى ياخشى قىلايلى. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى ئىشخانا رايونىدىكى يېڭى كەيپىيات بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئايرىلىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، چاۋاك ئاۋازى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، خې لىفېڭ ۋە شۈ كۇاڭدى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈشكە ھەمراھ بولدى ياكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

1124003829_15477079840751n.jpg
1123999899_15476409017331n.jpg
1123998196_15476186772771n.jpg