شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەرقايسى ساھەلەردە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-01-18 16:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سىياسىي قانۇن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر، توپلانغان تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىدى، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، بىر قاتار يۆنىلىشلىك، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، يېڭى دەۋر سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى، بۇ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، بىر قاتار مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك، جەمئىيەت ئامانلىقى، خەلقنىڭ ئەمىنلىكىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. سەنشى ئۆلكىسى ۋېنشى ناھىيەسى شياچيۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جۈشياڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى ئەتراپىمىزدىكى كەنتلەر بىر قانچە قارا كۈچلەر جىنايەت شايكىلىرىنى يوقاتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرى توپ سېتىش بازارلىرىدا ئۇچرايدىغان بازار زومىگەرلىكى قىلىش ھادىسىلىرى يوق بولدى. مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلىدى، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكلىرى»نى يوقاتتى، پۇقرالار چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى گويۈەن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئەخمەت ئۆمەرجان مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» مۇھاپىزەت ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ناھايىتى تەرتىپلىك بولۇۋاتىدۇ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام ئامما ئۆزىنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر يېزىلاردىكى ئامما، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. جېجياڭ ئۆلكىسى جۇجى شەھىرى فېڭچياۋ بازىرى ئاھالىسى ۋاڭ جياجيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زىددىيەت چىقسا زىددىيەتنى ھەل قىلىمىز، دەپ ئولتۇرساق بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە زىددىيەتنى تۈپ مەنبەسىدىن ھەل قىلىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى جەلپ قىلىش كېرەك، ئۇلار نەسىھەت قىلىش ۋە ياخشىلاشتۇرۇپ قويۇشقا قاتناشقان، باشقىلارغا نەسىھەت قىلىۋاتقان چاغدا، ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى زىددىيەتلەرنىمۇ ھەل قىلالايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرى نۇرغۇن ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق، باراۋەر، قولايلىق، ئۈنۈملۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، دەل جايىدا بولغان ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تىرىشىپ تەمىنلىشى كېرەك. «كىنىشكىلارنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش» ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، رايون ھالقىغان دېلو تۇرغۇزۇش دەۋا مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋا ئىشلىرىنى رايون ھالقىپ يىراقتىن بېجىرىش، قاتلام، دەرىجە ھالقىپ بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا جايدا دەۋا قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى لولۇڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شىكايەت بۆلۈمىنىڭ تەپتىشى جاۋ مېڭ مۇنداق دېدى: كۆزنەك مۇلازىمىتى سۇپىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېت بايلىقىغا سىڭدۈرۈپ، ئاممىنىڭ تەلىپىنى تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ قولاي قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادۋوكات، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، ئەدلىيەلىك باھالاش، كېسىم، ئەدلىيە ئورنى، خەلق مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق قانۇن مۇلازىمەت بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەممە كەسىپلەرنى، ماكان-زاماننى قاپلىغان قانۇن مۇلازىمىتى تورىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى چىڭشەنخۇ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دەۋا نازارەتچىلىكى بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى تەپتىشى شېن شىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ تەلەپلىرىنى قانۇن ياردىمى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىغا قانۇننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن ئىنتىزامغا رىئايە قىلغۇچىلارنى قەددىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيدىغان قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك. ئەنخۇي ئۆلكىسى تۇڭلىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ ئىشتاتلىق سودىيەسى چيەن ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىمنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

1124003829_15477079840751n.jpg
1123999899_15476409017331n.jpg
1123998196_15476186772771n.jpg
1123994423_15475507947101n.jpg