شى جىنپىڭ شىيۇڭئەندىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ئىلھاملاندۇردى
0
2019-01-17 18:28:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمائىل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خېبېي شىيوڭئەن يېڭى رايونى پىلان كۆرگەزمە مەركىزىدە، چوڭ ئېكران ئارقىلىق بېيجىڭ - شيوڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يولىنىڭ شيۇڭئەن ۋوگزالى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى بىلەن ئۇچراشتى. نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى قىزغىن چاۋاك چېلىپ، باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قەھرىتان سوغۇق بولۇۋاتىدۇ، ھاۋا سوغۇق، يەر توڭ، لېكىن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشچىلىرىمىز يەنىلا تىرىشىپ جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەردىن شۇنداقلا سىلەر ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشچىلىرى، ئەمگەكچىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلىكىمنى بىلدۈرىمەن ! ئۇ كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەر قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قاتناش ئالدىن بولۇشى كېرەك، سىلەر شىيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پىلان ئۈچۈن يول باشلىغۇچى ئاۋانگارت بولۇشتەك خىزمەتنى قىلىۋاتىسىلەر، تۆھپەڭلارغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. سىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇندىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدە، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى قىزغىن ئورۇۋېلىشتى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز شيوڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇۋاتىمىز، بۇ تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىغا موھتاج. مەيلى دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلار بولسۇن ياكى پۇقراۋى كارخانىلار بولسۇن، مەيلى يەرلىكتىكى كارخانىلار بولسۇن ياكى بېيجىڭدىكى كارخانىلار بولسۇن، ھەممىسى بۇ تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىدا يېڭى، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت تۈزەشنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويدى، نۆۋەتتە 110 مىڭ مو يەردىكى «مىڭ يىللىق ئورمان» قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ «مىڭ يىللىق ئورمان» داچىڭخې ئورمانچىلىق 1-رايونىدىكى ئورمان ئەھيا قىلىش رايونىغا كەلدى، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئورمانچىلىق رايونىدىن كېسىپ ئۆتۈپ دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئورمان ئۆتىڭىنىڭ ئىككىىنچى قەۋەتتىكى سۇپىسىغا چىقىپ، ئورمان رايونىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى يىراقتىن كۆردى، شۇ جايدىكى ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى . ئۇ مۇنداق دېدى : كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، يېشىل ئورمان، كۆك بىلەن يېشىل گىرەلىشىپ كېتىپتۇ، ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى بولۇشى كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچىمى. شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ بۇرۇنلا مەلۇم ئاساسى بار ئىدى، ھازىر «مىڭ يىللىق ئورمان» بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە بۇ يەر چوقۇم ئەڭ ياشاشقا ماس كېلىدىغان جايغا ئاينىلىدۇ. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق، شيوڭئەن يېڭى رايونى مۇشۇنداق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا تايىنىپ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

1124003829_15477079840751n.jpg
1123999899_15476409017331n.jpg
1123998196_15476186772771n.jpg
1123994423_15475507947101n.jpg