شى جىنپىڭ خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇراتورى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-08-31 12:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇراتورى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋاسكېتبول دۇنيادىكى مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. جۇڭگو ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا ۋاسكېتبول ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىدۇ، خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم ئۇنتۇلغۇسىز كاتتا تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، تەنتەربىيە ئىشلىرىدا ئۇلۇغ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تەنتەربىيە ھەم دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، ھەم خەلقنىڭ ساغلام بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇۋاتىدۇ. بىز خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگودا ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

مۇراتورى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگونىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ياخشى تەييارلىق كۆرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيا ۋاسكېتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كاتتا ئىش بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ ۋاسكېتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

1124939039_1567091943199_title0h.jpg
F201908281647081456700574.jpg