شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئابدۇللا ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-08-29 15:59:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئابدۇللا ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ئابدۇللا ئارىپوفتىن زۇڭتۇڭ مىرزىيايېفغا سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش روھىغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىگە باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىشتا.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان تاشيول، تۆمۈريولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تارىختا باشقا دۆلەتلەر دۆلەت قۇدرەت تاپسا زومىگەر بولىدىغان كونا يولدا ھەرگىز ماڭمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

ئابدۇللا ئارىپوف زۇڭتۇڭ مىرزىيايېفنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ئالىي ئېھتىرامىنى يەتكۈزدى. زۇڭتۇڭ مىرزىيايېف جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئابدۇللا ئارىپوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك قوشنىسى ۋە شېرىكى. ئۆزبېكىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. زۇڭتۇڭ مىرزىيايېف ئۆزبېكىستاندا مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ، جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلئارا ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بەلگىلىدى. ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە بىرلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشىگە پائال ماسلىشىشنى خالايدۇ.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئابدۇللا ئارىپوف تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

 

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئابدۇللا ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى
F201908281647081456700574.jpg