كېلەر ئايدىن باشلاپ ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىدا مۇنداق ئۆزگىرىشلەربولىدۇ؟
0
2019-08-28 18:08:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى شەخسلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋىتىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجىغا دائىر تۈرلەرنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەگەر شەخسلەر ئورۇن ياكى باشقىلارغا كېپىل بولۇپ كىرىم قىلسا،« تاسادىپىي تاپاۋەت» تۈرى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ. ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقىلارغا ھەقسىز ھەدىيە قىلغان بولسا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيە قىلىنغان ئۆينىڭ ھەدىيە قىلىنغان كىرىمىدىن«تاسادىپىي تاپاۋەت» تۈرى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ. 

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى، بوۋا-مومىلىرى، نەۋرىلىرى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىغا ھەقسىز ھەدىيە قىلغان ئەھۋالدا، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدۇ. 

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شەخسلەر ئېرىشكەن ئالاقىدار كىرىمدىن ئېلىنىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجىدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى تۈرىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئېلان تۆۋەندىكىدەك چىقىرىلدى:

1.شەخسلەر ئورۇن ياكى باشقىلارغا كېپىل بولۇپ كىرىم قىلغان بولسا، « تاسادىپىي تاپاۋەت» تۈرى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ.  

2.ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقىلارغا ھەقسىز ھەدىيە قىلغان بولسا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيە قىلىنغان ئۆيگە ھەدىيە قىلىنغان كىرىمنى« تاسادىپىي تاپاۋەت» تۈرى بويىچە ھېسابلاپ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ.  

«مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ شەخسلەر ھەقسىز ھەدىيە قوبۇل قىلغان ئۆيدىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نىڭ 1-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن كەلسە، ئالاقىدار ئىككى تەرەپتىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدۇ:

(1) ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى، بوۋا-مومىلىرى، نەۋرىلىرى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىغا ھەقسىز ھەدىيە قىلسا؛

(2) ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى بىۋاسىتە بېقىش ياكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان باققۇچى ياكى باققۇچىغا ھەقسىز ھەدىيە قىلسا؛

(3) ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ئۆلۈپ كەتسە، قانۇن بويىچە ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلغۇچى، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ھەدىيە قىلسا؛

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ھەدىيە قوبۇل قىلىش كىرىمىدىن باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى« مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ ھەدىيە قىلىنغان ئۆينىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىغا دائىر ھەقسىز مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (مالىيە- باج [2009] 78-نومۇرلۇق) نىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

3. كارخانىلار كەسپىي تەشۋىقات، ئېلان قاتارلىق پائالىيەتلەردە، ئۆز كارخانىسىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرگە سوۋغا تەقدىم قىلسا (تور قىزىل بولىقى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ، شۇنىڭدەك كارخانىلارنىڭ يىللىق يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ئۆز كارخانىسىنىڭ سىرتىدىكى شەخسلەرگە سوۋغات تەقدىم قىلسا، سوۋغات قوبۇل قىلغان شەخسلەر ئېرىشكەن شۇ سوۋغات كىرىمىگە ئاساسەن« تاسادىپىي تاپاۋەت» تۈرى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ. لېكىن كارخانا تەقدىم قىلغان باھادا ئېتىبار بېرىش ياكى ئېتىبار بېرىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىستېمال چېكى، پۇل بېلىتى، رەنە بېلىتى، ئېتىبار كارتىسى، ئېتىبار بېلىتى قاتارلىق سوۋغات بۇيۇملىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان سوۋغات كىرىمىدىن باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى« مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ كارخانىلارنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىنى قانات يايدۇرۇش، سوۋغا تەقدىم قىلىشقا ئالاقىدار شەخسىي تاپاۋەت بېجى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (مالىيە باج [2011] 50-نومۇرلۇق) نىڭ 3-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

 

0.jpg