4G تورىڭىز ئاستىلاپ كەتتىمۇ؟
0
2019-08-27 18:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى جەمئىيەتتە ئىنكاس قىلىنغان G4 تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش مەسىلىسى ھەققىدە ئۈچ ئاساسىي خەۋەرلىشىش كارخانىسىنى سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ئالاقە تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋېن كۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ تور سىغىمىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، G4تورىنى قوغداش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئابۇنىتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ۋېن كۇ مۇنداق دېدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى جۇڭگو ئۇچۇر- ئالاقە تەتقىقات يۇرتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان كۆزىتىش سۇپىسى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق G4 تورىنىڭ سۈرئىتىنى ئۆلچىدى. كۆزىتىشتە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت بويىچەG4 ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى داۋاملىق ئاشقان، 2019-يىل 7-ئايدا 23.78 Mbps كە يېتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ۋېن كۇ مۇنداق دېدى : G4لىق تور ئورتاق بەھرىلىنىش تورىغا تەۋە بولۇپ، رايون ئىچىدە بارلىق ئابۇنىتلار ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. تور سىناق سۈرئىتىمۇ ئابۇنت سانى، ئېقىم مىقدارى، تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىش مىقدارى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن ۋوگزال، ناخشا كېچىلىكى نەق مەيدانى قاتارلىق خېرىدارلار زىچ جايلاردا ۋاقىتلىق سىناق سۈرئىتى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.

بەزىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «G5 تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش G4 سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ» دېگەن مەسىلىگە قارىتا، ۋېن كۇ مۇنداق دېدى: < سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىش ياكى چەكلىشىنى تەلەپ قىلمىغان ھەم قىلمايدۇ. شۇنداقلا G5قۇرۇلسىلا G4نى بىكار قىلىش ياكى G4سۈرئىتىنى چەكلەش دېگەن گەپ يوق، G4تور بىلەن G5تورى ئۇزۇن مۇددەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

بىز تېخنىكا ئۆزگەرتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تور سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، تور سىناق سۈرئىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 5G يۇقىرى سۈرئەت ئارقىلىق، كەڭ بەلباغلىق تور ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، G4تور ئېقىمىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا G4 تورىنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئابۇنىتلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.>

企业微信截图_15667245174513.png
企业微信截图_1566721788743.png