شىنجاڭغا دائىر يەنە بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى
0
2019-08-18 18:32:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئەسقەر تۇرسۇن

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى «شىنجاڭنىڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى، تەربىيەلەش خىزمىتى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلدى، تەربىيەلەش مەزمۇنى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، تەربىيەلەش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە پايدىلىق تەجرىبىلەر توپلاندى، خاتىمە قاتارلىق قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. شىنجاڭ تۈپتىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىپ، كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۆرىشىدە مۇھىم باسقۇچلۇق غەلىبىگە ئېرىشتى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى. بۇ ئۇسۇل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تۈپ روھى ۋە تۈپ پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىكنى يىلتىزىدىن تۈگىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، پۈتۈنلەي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرىدۇر.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» (60/288) ۋە «زوراۋان-ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنىش ھەرىكىتى پىلانى» (70/674) قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

تولۇق تېكىستىنى بۇ ئۇلانمىنى چېكىپ كۆرۈڭ

 

شىنجاڭغا دائىر يەنە بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى
1124876854_15658246978751n.jpg
1.jpg