شياڭگاڭ ساقچىلىرى: 15-چېسلاغىچە 748 ئادەم قولغا ئېلىندى
0
2019-08-18 17:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، شياڭگاڭ ساقچىلىرى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: نامايىشچىلار تۈنۈگۈن شېنشۈيبۇ، داپۇ ۋە تيەنشۈيۋېيدىكى ساقچى مەھكىمىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، 17 ئادەم قولغا ئېلىندى.

ساقچىلار مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ جەمئىي 748 ئادەم قولغا ئېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 115 ئادەم ئەيىبلەندى. يەنە 177 نەپەر ساقچى يارىلاندى، بېنزىن بومبىسىدا كۆيۈپ يارىلانغان ساقچىلار ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

ساقچىلار يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئايرودۇرۇمدا نامايىش قىلغان ئىككى نامايىشچى، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ساقچىلارنىڭ ئايرودۇرۇمغا كىرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى.

ساقچىلار شەھەر ئاھالىلىرىنى سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئايرودۇرۇمنىڭ ۋاقىتلىق چەكلەش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، قانۇن بىلەن ئويناشماسلىققا ئەسكەرتىدۇ.

شياڭگاڭ ساقچىلىرى: 15-چېسلاغىچە 748 ئادەم قولغا ئېلىندى
1124876854_15658246978751n.jpg
1.jpg