چېن گاڭ بىلەن جاڭ جىڭۋېن قولغا ئېلىندى
0
2019-08-14 20:02:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

چېن گاڭ قولغا ئېلىندى

دۆلەتلىك رېۋېزىيە كومىتېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چېن گاڭنىڭ پارا ئېلىشقا چېتىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئەيىبلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەردى. يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن چېن گاڭنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارارى چىقاردى. مەزكۇر دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلمەكتە.

جاۋ جىڭۋېن قولغا ئېلىندى

دۆلەتلىك رېۋېزىيە كومىتېتى، جۇڭگو جۇڭشىن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىجرائىيە مۇدىرى جاۋ جىڭۋېننىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىشقا چېتىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئەيىبلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەردى. يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋ جىڭۋېننى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارارى چىقاردى. مەزكۇر دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلمەكتە.

چېن گاڭ بىلەن جاڭ جىڭۋېن قولغا ئېلىندى
1124876854_15658246978751n.jpg
1.jpg