گېسان گۈلىدەك قارلىق چېگرادا يىلتىز تارتىش
0
2019-08-14 18:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى چېگراسىغا جايلاشقان شىزاڭنىڭ يۈمەي يېزىسى ئىلگىرى بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئۈچ كىشىلىك يېزا ئىدى، بۇ جاي ھازىرمۇ ئېلىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىلغا قايتۇرغان جاۋاب خەتتە «ئائىلىمىز يۈمەي، ۋەتىنىمىز جۇڭگو، چارۋا بېقىپ چېگرانى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز. سىلەر بۇ سۆزنى ناھايىتى ياخشى دېدىڭلار» دەپ ماختىدى، بۇ ئاددىي سۆزلەر ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىن ناھايىتى تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە تارالدى. 

پادا بېقىپ ئەمدى قايتىپ كەلگەن جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىل قاتار-قاتار يېڭى ئۆيلەر ۋە قۇرۇلۇش مەيدانلىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال ھالدا: بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يۈمەيدە زور ئۆزگىرىش بولدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە غەمخورلۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىدىكى ھەر-بىر گۈل-گىياھنى ياخشى قوغداپ، يۈمەينى بەختلىك، گۈزەل، ھاللىق يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، دېدى. 58 ياشقا كىرگەن جوگا، 56 ياشقا كىرگەن ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىل، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى قايتۇرغان جاۋاب خېتىنى ئەسلەپ ئىشەنچكە تولدى، پەخىرلەندى. 

يۈمەي يېزىسىنىڭ كۆلىمى 3000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە 3600 مېتىر ئېگىز. ئىلگىرى قاتناش قولايسىز، شارائىت جاپالىق، تۇرمۇش زېرىكىشلىك بولغاچقا، نۇرغۇن ئاھالە ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈپ كەتكەن، نوپۇس ئەڭ ئاز ۋاقىتتا، پېشقەدەم يېزا باشلىقى ساڭجېچۈبا قىزلىرى جوگا ۋە ياڭزۇڭ بىلەن بۇ جاينى قەتئىي قوغدىغان. 

1996-يىلى، ئىككى ئائىلىلىك يۈمەيگە كۆچۈپ باردى، كېيىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەرمۇ يۈمەيگە قايتتى، 2016-يىلى پۈتۈن يېزىدىكى نوپۇس 9 ئائىلىلىك، 32 كىشىگە كۆپەيدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، جوگا بىلەن ياڭزۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، دۆلەت چېگراسىنى قوغداش ئىرادىسىنى بىلدۈردى، يۇرتىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلدى. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ رىغبەتلەندۈرۈپ، جوگا، ياڭزۇڭ قاتارلىق يۈمەيدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ چېگرا قوغداش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى، ئۇلارغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. 

يېڭى سېلىنغان يېنىك پولات كىللىق قۇراشتۇرما بىنالار زاڭزۇ كالېندارىدىكى يېڭى يىلدىن بۇرۇن پۈتتى. كونا ئاھالىلەر كۆچۈپ كىردى، يېڭى ئاھالىلەرمۇ كۆچۈپ كىردى. بۇ يېڭى يۈمەيلىكلەر ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردىن كۆچۈپ بارغان ئىدى. 

يۈمەيلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، 2018-يىلى كىشى بېشى كىرىمى 60 نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشتى. ئادەم كۆپەيگەندىن كېيىن، دۇكان، ئاشخانا، ياتاق، چايخانا قاتارلىقلارمۇ كۆپەيدى، قولدا ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەرمۇ تېز سېتىلىپ، مال ئۈزۈلۈپ قالىدىغان بولدى.

يېڭى دەۋردە يېڭى قىياپەت، ياخشى سىياسەتتە گۈزەل كەلگۈسى بارلىققا كەلدى، بۇ ئىككى يىلدا، يۈمەيلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى تەل-تۆكۈس ئۆزگەردى. سېمونت يوللار سېلىندى، دۆلەت مەبلەغ سېلىپ قاتناشنى ياخشىلىدى، قاتتىق قار يېغىش سەۋەبلىك يوللار راۋان بولماسلىق ۋاقتى ئىلگىرىكى يېرىم يىلدىن ئۈچ ئايغا قىسقاردى. كەنت ئاھالىلىرى سەككىز ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، شەننەن، لاساغا بېرىش تېخىمۇ قولايلاشتى. توك تۇتاشتۇرۇلدى، 2018-يىلى 2-ئايدا رۇبىلنىكنى بىرلەشتۈرۈپ توك يوللاش دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر تورىغا ئۇلاندى، توك بېسىمى مۇقىمسىز بولۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كۆيۈپ كېتىدىغان ئىشلار يوق بولدى، ئىلگىرى زۆرۈر بولغان جىن چىراغلار ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلاندى. 4G سىگنالى بار بولدى، ئالاقە تورى ھەممە يەرنى قاپلىدى، يېزىدا تېخى كۆچمە چىقىم قىلغىلى بولىدىغان بولدى. يول، توك، ئالاقە تورى قاتارلىق يۈمەينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. 

جوگا ۋە ياڭزۇڭ ئاچا سىڭىل مەيلى نەدە پادا باقسۇن، شۇ يەرگە دۆلەت بايرىقى قادايدۇ. خۇ شۆمىن فوتوسى 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جوگا بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈمەيگە بولغان غەمخورلۇقى، يۈمەي ئاھالىسىنىڭ پارتىيە ۋە ۋەتەنگە تەلپۈنۈش ھېكايىسىنى نۇرغۇن ئادەمگە سۆزلەپ بەردى. ئۇ: باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى يۈمەينىڭ يېڭى قىياپىتى بولمايتتى، دېدى. 

دۆلەت زېمىنى نەدە بولسا، بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق شۇ يەردە لەپىلدەيدۇ. 2018-يىلى دەۋر نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن جوگا ۋە ياڭزۇڭ ئاچا سىڭىل، بۇ شەرەپنى تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ چېگرا قوغداش سېپىگە قوشۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. چارۋا بېقىپ چېگرا قوغداش بىر خىل تۇرمۇش ۋە خىزمەت، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچتۇر. ۋەتەننى سۆيۈپ چېگرا قوغداش يۈمەيلىكلەرنىڭ قان-قېنىغا سىڭدى. 

1.jpg
1124876854_15658246978751n.jpg
640.webp (3).jpg
گېسان گۈلىدەك قارلىق چېگرادا يىلتىز تارتىش
F201908071606365556703570.jpg