ئائىلىدىكى كۆيۈمچان ئەر شى جىنپىڭ
0
2019-08-14 17:21:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

1987-يىلى توي قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن 32 يىللىق ئىسسىق-سوغۇقنى بىللە باشتىن كەچۈردى.

خىزمەتتە، شى جىنپىڭ «ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ»غان رەھبەر؛ ئائىلىدە، شى جىنپىڭ بىر ياخشى جورا. پېڭ لىيۈەننىڭ باھاسى بويىچە ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ بىر «لاياقەتلىك ئەر».

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن دۇنياۋى سەھنىلەرگە كۆپ قېتىم بىللە چىقتى، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. «لاياقەتلىك ئەر» شى جىنپىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا نۇرغۇن ئىللىق دەقىقىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

2013-يىلى 6-ئايدا، كوستارىكادىكى بىر ئاددىي دېھقاننىڭ قەھۋەزارلىقىدا، شى جىنپىڭ بىر تىزىق قەھۋە گۈلىنى ئۈزۈپ، پېڭ لىيۈەننىڭ پۇراپ بېقىشىغا سۇندى.


ھويلىدىن گۈل ئۈزۈپ رەپىقىسىگە سوۋغا قىلىش

بۇ يىل 5-ئايدا، رۇسىيە ۋاختانگوف تىياتىرخانىسىنىڭ ئوپېراسى «يېۋگېنىي ئونېگىن» شاڭخەيدە قويۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان تاماشىبىننى جەلپ قىلدى.

ئەدەبىيات ھەۋەسكارى شى جىنپىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا شۇ ناملىق روماننى ئوقۇغانىدى. ئۇ ئىلگىرى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «بىزنىڭ ئۇ دەۋردىكى كىشىلەر رۇسىيە كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان. مەن پۇشكىننىڭ مۇھەببەت شېئىرى ‹يېۋگېنىي ئونېگىن›نى ئوقۇدۇم، كېيىن يەنە ئودېسساغا بېرىپ، شائىرنىڭ ئۇ يەردە قالدۇرغان بىر قىسىم ئىزلىرىنى كۆردۈم.»

1989-يىلى 9-ئاي، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەننىڭ بىرلىكتە چۈشكەن سۈرىتى.

شى جىنپىڭنىڭ رومانتىكلىقى يەنە بەزى ئىنچىكە ھالقىلاردا ئىپادىلىنىدۇ

1987-يىلى، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن توي قىلدى. تويدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جەم بولىدىغان ۋاقتى ئاز، ئايرىلىپ تۇرىدىغان ۋاقتى كۆپ بولسىمۇ، بىر-بىرىنى چۈشىنىشەتتى، بىر-بىرىنى قوللايتتى. شى جىنپىڭ پات-پات ئويلىمىغان خۇشاللىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ تۇراتتى.
خەۋەرگە قارىغاندا، توي قىلىپ تۆتىنچى كۈنى، پېڭ لىيۈەن ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا كېتىپ، شۇ كەتكەنچە بىر-ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتكەن. شيامېنغا قايتىپ كەلگەن كۈنى، شى جىنپىڭ ئۇنى ئالغىلى بېرىپ، ئارقىسىدىن ھويلىدىن ھېلىلا ئۈزگەن بىر باغلام گۈلنى چىقارغان، ئاددىي رومانتىك ھەرىكەت ئىللىق بەخت تۇيغۇسى بەرگەن. 
1987-يىلى، شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن فۇجيەن دۇڭشەن ئارىلىدا.

ھىندىستاندا يانمۇيان ئولتۇرۇپ ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش


1999-يىلى، بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، پېڭ لىيۈەن بەخت ئىلكىدە رىياسەتچىگە: «ئۇ ئىنتايىن نەتىجىلىك، ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم» دېگەن ئىدى.
شى جىنپىڭ خىزمەتنى دەپ ئائىلىسىگە ئېتىبارسىز قارىمىدى. ئەكسىچە، ئەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا ئىسمى-جىسمىغا لايىق كۆيۈمچان ئەر ئىدى.

2004-يىلى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ يەنئەن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى «مەن يەنئەنلىك» پروگراممىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىنتايىن بەختلىك بىر ئائىلەم بار، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئۆز كەسپىمىز بار، بىراق ئۆينى بىللە تۇتىمىز. مەن ھەر كۈنى رەپىقەمگە بىر قېتىم تېلېفون بېرىمەن، توي قىلغىلى ئون نەچچە يىل بولدى، ھەر كۈنى شۇنداق، جەم بولالمايدىغان ۋاقىتلىرىمىز كۆپ بولسىمۇ، بىراق ھەر كۈنى ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز.»

پېڭ لىيۈەن ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ھەمدە ئوپېرا سەنئەتكارى بولۇپ، كۆپ قېتىم تەكلىپكە بىنائەن چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشقانىدى. ھەر يىلى چاغان ھارپىسىدىكى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە، شى جىنپىڭ نۆۋەتچىلىك قىلمايلا قالسا، تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرگەچ، جۇۋاۋا تۈگۈپ، رەپىقىسىنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتەتتى. «كېچىككەن» جەم بولۇش تامىقى ئاددىي بولسىمۇ، ئىللىق، مېھىرلىك ئىدى.
خەلقئارا سەھنىلەردە، شى جىنپىڭنىڭ كۆيۈمچان ئەرلىك ئوبرازى دۆلەت سىرتىدا بىر توپ مەستانىنى جەلپ قىلدى:

ئاۋسترالىيەدە، شى جىنپىڭ «شۆلۇڭ» ناملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئېگىزرەك كېمە بۆلمىسىگە چىققاندا، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ پېڭ لىيۈەنگە قولىنى ئۇزىتىپ، «كېلىڭ» دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

ھىندىستاندا، پېڭ لىيۈەن ھىندىستان تەرەپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىلەڭگۈچتە ئولتۇردى، ئۇ بىر نەچچە رەت ئۇچۇپ بېقىپ، يېنىدىكى بوش ئورۇنغا يەڭگىل نەچچىنى ئۇردى، شى جىنپىڭ ناھايىتى تېزلا يېنىدا ئولتۇردى، ئىككىيلەن بىرلىكتە ئىلەڭگۈچ ئۇچتى.


رەپىقىسىدىن ئۆز ئالدىغا سىرتلارغا چىقىپ ئويۇن قويماسلىقنى تەلەپ قىلىش

شى جىنپىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئانىسى چى شىن مەخسۇس ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، باشقا پەرزەنتلىرىدىن ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان دائىرىدە سودا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدە، شى جىنپىڭ ئۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئىزچىل قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلدى. ئۇ پېڭ لىيۈەنگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلسىمۇ، بىراق بەزى پىرىنسىپال مەسىلىلەردە پىڭ لىيۈەنگە تەلەپنى قاتتىق قوياتتى، ئۇ ئىلگىرى پېڭ لىيۈن بىلەن ئېنىق قىلىپ مۇنداق كېلىشكەنىدى: «مەن پارتىيەلىك كادىر، سىز ئۆز ئالدىڭىزغا سىرتلارغا چىقىپ ئويۇن قويسىڭىز بولمايدۇ.»

شى جىنپىڭ بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن شى جۇڭشۈن بىلەن بىللە.

ھەر قېتىم پېڭ لىيۈەن شى جىنپىڭنىڭ خىزمەت ئورنىغا بارغىنىدا، شى جىنپىڭ ئەزەلدىن داغدۇغا قىلمىدى، رەپىقىسىنى ئېلىپ بىللە بارسا بولىدىغان نۇرغۇن پائالىيەتلەرگىمۇ، پېڭ لىيۈەننى قاتناشتۇرمىدى.

«ئۆگىنىش ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بۇ يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدا «شى جىنپىڭ شيامېندا (2)» ئېلان قىلىندى، شۇ چاغدىكى شيامېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىنشۈي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار توي قىلغان كۈنى شەنبە ئىدى، يولداش جىنپىڭ ماڭا، يەكشەنبە كۈنى پېڭ لىيۈەننى ئېلىپ جاڭجۇنىڭ دۇڭشەن ناھىيەسىگە بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككىنچى كۈنى، شوپۇر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئۇلارنى دۇڭشەنگە ئاپاردى، ئۇلار بىر ئاخشام قوندى، ياتاق ھەققى، بېرىش-كېلىش ماي پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز يېنىدىن چىقاردى. 30 يىل ئىلگىرى، ئۇ ئۆزىگە مانا مۇشۇنداق قاتتىق تەلەپ قوياتتى.»

شى جىنپىڭ نىڭدېدا خىزمەت قىلىۋاتقاندىكى بىر ئىش شۇ چاغدىكى فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە يېزا ئىقتىسادى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۈ جۈيۇڭدا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. لۈي جۈيۇڭنىڭ ئەسلىشىچە، ئالاھەزەل 1988-يىللىرى، شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن دەل رۇخسەت سوراپ نىڭدېدا ئىكەن. لۈ جۈيۇڭ پېڭ لىيۈەن نېڭدېغا بارغاندا، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇنى ئالغىلى بارماي، ئۇنىڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ كېلىشىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغانىكەن.

كېيىن، شى جىنپىڭ لۈ جۈيۇڭنىڭ نىڭدېدىن فۇجۇغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ قايتىدىغانلىقىنى بىلىپ، لۈ جۈيۇڭدىن: «قاچان قايتىسىز؟» دەپ سورىغان. لۈ جۈيۇڭ ئەتىسى قايتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شى جىنپىڭ يەنە: «قايتقاندا ماشىنىڭىزدا كىملەر بار؟» دەپ سورىغان. لۈ جۈيۇڭ خوتۇنى ئىككىيلەنلا بارلىقىنى ئېيتقان. شى جىنپىڭ: «پېڭ لىيۈەن قايتماقچى، ئېلىۋالسىڭىز بولارمۇ؟» دېگەن. لۈ جۈيۇڭ ئەلۋەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

2017-يىلى، لۈ جۈيۇڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن، ئۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغاندىكىن خوتۇنى ئۇنى يوقلاپ ئاران بىر كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئەۋەتىپ خوتۇنىنى ئېلىپ كېلىشى ۋە يولغا سېلىپ قويۇشى ئىنتايىن نورمال ئىش، دەپ ئويلىغان. لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى، ئومۇمنىڭكىدىن قىلچىمۇ پايدىلانمىدى. ئۇنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇشتەك بۇ خىل ئىستىلىغا مەن بەك قايىل.»

شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن قىزىغا مىڭزې دەپ ئىسىم قويدى. «پاك ئادەم بولۇش، جەمئىيەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇش» ئۇلارنىڭ قىزىدىن كۈتىدىغىنى ئىدى.

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسى، شۇنداقلا ھاياتلىقتىكى تۇنجى مەكتەپ. 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، شى جىنپىڭ چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىشتە مۇنداق دېدى: «دەۋرنىڭ قانچىلىك زور ئۆزگىرىشىدىن، تۇرمۇش ئەندىزىسىنىڭ قانچىلىك زور ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەممىمىز ئائىلە قۇرۇلۇشىغا، ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك...»

 

2014-يىلى 11-ئايدا، ئاۋسترالىيەنىڭ كانبېررادىكى باش ۋالىي مەھكىمىسى قورۇسىدا، پېڭ لىيۈەن ئون ئايلىق بولغان خالتىلىق ئېيىق ۋونانى كۆتۈرۈۋالدى. بىر ياندا تۇرغان شى جىنپىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىپ: «ئۇ بېشىنى سىيلاتمايدۇ» دېدى.

پېڭ لىيۈەننىڭ نەزەرىدە، ئېرى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئادەم، شۇنداقلا بىر ئاددىي ئادەم ئىدى. بىر ئەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭنىڭمۇ ئاددەتتىكى ئادەملەردەك خۇشاللىقى ۋە قايغۇسى بار، شۇنداقلا، دائىم ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى، سەپداشلىرىغا يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا مېھرىبانلىق ۋە ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىدى، بۇ يۈكسەك پەزىلەت، ئالىيجاناپ خىسلەتلەر پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

 

1.jpg
ئائىلىدىكى كۆيۈمچان ئەر شى جىنپىڭ
1124876854_15658246978751n.jpg
640.webp (3).jpg