شى جىنپىڭ كولومبىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2019-08-01 17:37:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 31 -كۈنى خەلق سارىيىدا كولومبىيە زۇڭتۇڭى :Iván Duque Márquez ئىۋان دۇك ماركوس بىلەن سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىۋان دۇك ماركسنىڭ ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

ھەربىي ئوركېستىر كولۇمبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت شېرىنى ئورۇندىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى.

دۇك شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە قايتىپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ سەپكە تىزىلىشىنى كۆردى.

ئارقىدىن ھەربىي ئوركېستىر نومۇر كۆرسەتتى.

جۇڭگو كومپۈرتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چۈنشيەن، سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش مەملىكەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، سودا، سانائەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى قاتارلىقلار ئىۋان دۇك ماركوسقا ھەمراھ بولدى.

ئىۋان دۇك شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىمىزگە دۆلەت ئشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا زۇڭتۇڭ دۇك بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇندىن 40 يىل ئىلگىرى كولومبىيە ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش قارارىنى چىقارغان، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ دادىسى شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇ تەدبىرنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجالىنىشىغا گۇۋا بولغان ئىدى.بۈگۈن جۇڭگو بىلەن كولومبىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ۋەزىپىسى سىز بىلەن ماڭا يۇكلەندى.سىز زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئىجابى ئىپادە بىلدۇردىڭىز.بۇ قېتىم سىز جۇڭگودا مەخسۇس زىيارەت بولۇپ، جۇڭگو بىلەن كولۇمبىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پائال كۈچ چىقىرىدىغانلىقىڭىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق ئىپادىلىدىڭىز، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيمەن.كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن كولۇمبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، جۇڭگو كولۇمبىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئالاقىنى كېڭەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كولۇمبىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرىنى قوللىشى كېرەك.جۇڭگو كولومبىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ۋە توقۇنۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى داۋاملىق قوللايدۇ.ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئېچىش كېرەك.جۇڭگو كولومبىيەنىڭ بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.ئەدلىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەل رايى ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ.جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىنى قوللاپ، ۋېنسۇئېلا قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.جۇڭگو نەسىھەت قىلىش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، كولومبىيە بىلەن ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھەمكارلىقى ماھىيەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىدۇ.جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىۋان دۇك ماركوس مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاجايىپ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە مۇھىم خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىنتايىن قايىل، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.كولومبىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىش ئالىدا، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىجادىيەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كولومبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمەن.جۇڭگو بىلەن كولۇمبىيەنىڭ ھەر بىر ھەمكارلىق تۈرىنىڭ كولۇمبىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقىغا، كولۇمبىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان « بىر بەلباغ، بىر يول » تەشەببۇسى دۇنيا ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، كولومبىيە ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ،ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.كولۇمبىيە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.كولۇمبىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋا بولدى.

未标题-1.jpg