ئۈرۈمچىدىكى لىفىت ئورناتماقچى بولغانلار دىققەت!
0
2019-07-31 14:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

كۆپ قەۋەتلىك بىنالارغا لىفىت ئورنىتىش بۇ يىل ئۈرۈمچىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىشىنىڭ بىرى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە لىفىت ئورنىتىش شارائىتىنى ھازىرلىغان ئولتۇراق رايونلاردىكى كۆپ قەۋەتلىك بىنالارغا 500 لىفىت ئورنىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھەربىر لىفىتنى ئورنىتىشتا 300مىڭ يۈەنلىك مالىيە تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەت 1-ئايدىن باشلانغان، 4-ئايدا كەڭ كۆلەمدە لىفىت ئورنىتىش باشلانغان.

نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالەت ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى «كۆپ قەۋەتلىك تاۋار ئۆيلەرگە لىفىت ئورنىتىشتا خوجىلىق مەخسۇس تۈر رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى يولغا قويۇشتىكى تەپسىلىي قائىدە»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خوجىلىق مەخسۇس تۈر رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى يېشىل يول ئېچىپ، كۆپ قەۋەتلىك تاۋار ئۆيلەرگە لىفىت ئورنىتىشتىكى رېمونت مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش كەسپىنى ئالدىن بېجىردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خوجىلىق مەخسۇس تۈر رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى تاۋار ئۆي ئولتۇراق رايون لىفىتى تۈرىدە رېمونت مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلغاندا ئاساسلىقى پۈتۈن بىر لىفىتنى ئالماشتۇرۇش ياكى لىفىتنى چوڭ ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدە رېمونت قىلىش تۈرى بار ئىكەن. كۆپ قەۋەتلىك تاۋار ئۆيلەرگە لىفىت ئورنىتىشتىكى رېمونت مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈرۈمچىدە تېخى تۇنجى قېتىم ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداقلا بۇ يەنە كۆپ تەرەپنىڭ مەبلەغ توپلاش مېخانىزمىنىڭ مۇھىم يولى. بۇ «تەپسىلىي قائىدە» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن رېمونت مەبلىغى كۆپ قەۋەتلىك تاۋار ئۆيلەرگە لىفىت ئورنىتىشتا يېتەرلىك ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.

بۇ مەخسۇس تۈرلۈك رېمونت مەبلىغى يەنە ئۆينىڭ«ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى» دېيىلىدىغان بولۇپ، ئولتۇراق ئۆينىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان قىسمىدىكى ئورتاق ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن رېمونت قىلىش، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە مەخسۇس تۈر بويىچە ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ مەبلەغنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى مۇنداق: چوقۇم «قوش ئۈچتىن ئىككى قىسىم» ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىمزا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىدىن ئۆتۈشى كېرەك

ئىگىلىنىشىچە، كۆپ قەۋەتلىك تاۋار ئۆيلەرگە لىفىت ئورنىتىشتا رېمونت مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلغاندا ئىككى «ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن يۇقىرى بولۇش» شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك ئىكەن. يەنى ئىشلىتىش دائىرىسى ئىچىدە قىسمەن قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن يۇقىرى نىسبىتىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتۈشى شۇنداقلا ئومۇمىي ئۆي ئىگىسى سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپ بولغان ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك.

رېمونت مەبلىغىدە ئولتۇراق رايون، بىنا، ئىشىك، ئۆي قاتارلىق تۆت دەرىجە بويىچە ھېسابات تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ھەربىر ئۆي ئىگىسى تاپشۇرۇپ ساقلانغان رېمونت ھەققىدە ئۆينىڭ تەپسىلىي ئورنىغا ئاساسەن ئايرىم ياردەمچى ھېسابات تەسىس قىلىنىدۇ. رېمونتقا ئىشلىتىدىغان تۈردە نەپكە ئېرىشكۈچى ئۆي ئىگىسىنىڭ ياردەمچى ھېساباتىدىن لىفىت ئورنىتىشتا تېگىشلىك خىراجەت ئاجرىتىلىدۇ.

لىفىت ئورنىتىش ھەققىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش پىرىنسىپى مۇنداق: ئۆزئارا كېلىشكەن بولسا كېلىشكەن بويىچە ئۈستىگە ئېلىش، كېلىشمىگەن بولسا قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈپ ئۈستىگە ئېلىش

كۆپ قەۋەتلىك ئولتۇراق ئۆيلەرگە لىفىت ئورنىتىشقا كېرەكلىك ئۆزى توپلىغان مەبلەغ، لىفىتنى ئىشلىتىش، ئاسراش، رېمونت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا كەتكەن خىراجەتلەرنى ئۆي ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىنا قەۋىتى، كۆلىمى قاتارلىق ئامىللار بويىچە بۇلارغا كەتكەن خىراجەت تەڭ تەقسىملىنىدۇ، تەقسىملىنىش نىسبىتىنى شۇ ھەقنى چىقارغان بارلىق ئۆي ئىگىسى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ.

رېمونت مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆي ئىگىلىرى ئالدىن كېلىشكەن بولسا شۇ بويىچە تەڭ تەقسىملىنىدۇ. ئەگەر ئالدىن كېلىشمىگەن بولسا، بىنانىڭ ھەربىر ئىشىكىگە ئورنىتىلغان لىفىت خىراجىتىنى شۇ ئىشىكتىكى ئۆي ئىگىلىرى ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىگە ئاساسەن نىسبەتلەشتۈرۈپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خوجىلىق مەخسۇس تۈر رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى، ئۈرۈمچى بانكىسى يانتېلېفون بانكىسى APP ى قاتارلىق يوللار بويىچە رېمونت مەبلىغىنىڭ ھېساباتقا كىرىش تەپسىلاتىنى، رېمونت ھەققىدە ئۆزگىرىش بولغان ۋاقىت، سومما، ئۆزگىرىش نامى، ھېساباتقا قېلىپ قالغان پۇل قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

قانداق بېجىرىلىدۇ: لاياقەتلىكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى بېجىرسە بولىدۇ

لىفىت ئورنىتىش قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خوجىلىق مەخسۇس تۈر رېمونت مەبلىغىنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش ئىشخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ، پۇل ئاجرىتىش مۇلازىمىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ. خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىسى يوق ئولتۇراق رايونلارنىڭكى مەھەللە خىزمەت كومىتېتى تەرىپىدىن بېجىرىلىدۇ.

1.ئالاقىدار تارماقلار چىقارغان لىفىت ئورنىتىشقا قوشۇلغانلىق بىرلەشمە تەكشۈرۈپ باھالاش ماتېرىيالى(ئەسلى نۇسخىسى تەكشۈرۈلىدۇ، كۆپەيتىلمە نۇسخىسى ئېلىپ قىلىنىدۇ)؛

2.ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ لىفىت ئورنىتىش قۇرۇلۇشىدىكى بىرلەشمە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىكىرى(ئەسلى نۇسخىسى تەكشۈرۈلىدۇ، كۆپەيتىلمە نۇسخىسى ئېلىپ قىلىنىدۇ)؛

3.تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلغانلىق ئىمزاسىدىكى پىكىر جەدۋىلى (ئەسلى نۇسخىسى ئېلىپ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئىمزالىغان ئۆلچەملىك لىفىت ئورنىتىشقا قوشۇلغانلىق كېلىشىمدە رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى كېلىشىشكە ماقۇل بولغان بولسا، بۇ تۈردىكى ماتېرىيال تاپشۇرۇلمايدۇ)؛

4.ئالاقىدار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىشتە خىراجەتنى تەڭ تەقسىملەشكە ئالاقىدار يازمىچە كېلىشىمنامە (ئەسلى نۇسخىسى ئېلىپ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئىمزالىغان ئۆلچەملىك لىفىت ئورنىتىشقا قوشۇلغانلىق كېلىشىمىدە رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىشتىكى كونكرېت سوممىسى كېلىشىپ بولۇنغان ياكى ئالدىن كېلىشمەيدىغان بولسا، بۇ تۈرلۈك ماتېرىياللار تاپشۇرۇلمايدۇ)؛

5.قۇرۇلۇش توختامى ۋە قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇننىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى؛

6.قۇرۇلۇشنىڭ راسچوت خېتى ۋە قۇرۇلۇش سوممىسىنى تۆلەش ئىلتىماس جەدۋىلى؛

ئۈرۈمچىدىكى لىفىت ئورناتماقچى بولغانلار دىققەت!
F201907301550036146702963.jpg
F201907301733467806702987.jpg