خۇا چۈنيىڭ: ئادەم بولۇشتا بەك ئامېرىكىچە بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك
0
2019-07-31 10:09:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سوئال سورىدى: خەۋەرلەرگە ئاساسەن، ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورنى مەسىلىسى توغرىسىدا بىر پارچە ئەسلەتمە ئېلان قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن 90 كۈن ئىچىدە قائىدىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان، بولمىسا ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەسلەتمىدە جۇڭگو كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو قانداق باھا بېرىدۇ؟

خۇا چۈنيىڭ جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ سوئالغا قارىتا، مەن بىر قانچە نۇقتىدىن جاۋاب قايتۇرماقچى:

بىرىنچى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ياكى ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدا ئەمەس، شۇنداقلا بىر دۆلەت ياكى ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدىغان ئورۇنمۇ ئەمەس، بۇ يەردە ھەممە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ سوئالغا كۆپ قېتىم جاۋاب قايتۇرۇپ بولدى، ئالاھىدە ۋە پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى مەيلى قانداق ئىسلاھ قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ يادرولۇق قىممەت ۋە ئاساسىي پىرىنسىپنى قوغداش كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ. ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق مەزمۇندا ئىككى لايىھە تاپشۇرۇپ بۇرنىغا يېگەن. شۇڭا ئامېرىكا يەنىلا ئۆزىنى بىلىۋېلىشى، بۇ خىل تەشەببۇسنى باشقىلار ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، قايسى دۆلەت دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا، قايسى ئۆلچەم قوللىنىلىدۇ، قانداق تەرتىپ بويىچە بېكىتىلىدۇ دېگەندىمۇ، بىر دۆلەت ياكى ئاز ساندىكى بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ دېگىنى ھېساب بولمايدۇ، بۇنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ھەممە ئەزالار مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىشى كېرەك، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پىكرىگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئامېرىكا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئادىللىق دەپ كەلگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى قوغدىغاندىلا، ئاندىن سودىدىكى ئادىللىقنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا، بىر تەرەپلىمە ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆپتۈرۈپ، كۆپ قېتىم كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قارالدى: تەرەققىيات دېگەن كۆپ ئۆلچەملىك بىر ئۇقۇم، ھازىرقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى مۇۋاپىق.

ئۈچىنچىدىن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورۇن بېكىتىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى، ھەرگىزمۇ خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئەمەس، بەلكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداشتۇر. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتى سۆھبىتىدە ئۆز ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىگە مۇناسىپ تۆھپىنى داۋاملىق قوشىدۇ، ھەم ئىلگىرىكىدەكلا باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

خۇا چۈنيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن يەنە بىر قېتىم ئېيتماقچىمەن، كۆپچىلىكنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش تەسىراتتا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى سۆزلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز بېشىمچى، تەكەببۇر ۋە شەخسىيەتچىلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشكارىلاپ قويدى، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايمەن. ھازىر جۇڭگودا توردا مودا بولۇۋاتقان «ئادەم بولۇشتا بەك ئامېرىكىچە بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك» دەيدىغان سۆزلەر بار. بىز ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز خاتالىقى توغرىسىدا ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خۇا چۈنيىڭ: ئادەم بولۇشتا بەك ئامېرىكىچە بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك
F201907301550036146702963.jpg
F201907301733467806702987.jpg