رەھبىرىي كادىرلار ئەمدى بۇ ئىشنى تاشلاڭلار!
0
2019-07-25 15:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

گوۋۇيۈەن يېقىندا «ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقاتتى. «پىكىر»دە ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش، پىسخىك ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك بەدەن چېنىقتۇرۇش، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قاتارلىق 15 تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«پىكىر»دىكى تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى:

تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. رەھبىرىي كادىرلار، تېببىي خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئىس-تۈتەكسىز ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. باج ئېلىش، باھا تەڭشەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشنى تەتقىق قىلىپ، تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. 2022-يىلى ۋە 2030-يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ئىس-تۈتەكسىز بولۇشقا ئائىت قانۇن-نىزاملاردا قوغدىلىدىغان ئاھالىنىڭ نىسبىتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %30تىن يۇقىرى ۋە %80تىن يۇقىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

0 (1).jpg
1124803062_15641265557521n.jpg
رەھبىرىي كادىرلار ئەمدى بۇ ئىشنى تاشلاڭلار!
未标题-1.jpg