يولداش لى پېڭ ۋاپات بولدى
0
2019-07-24 10:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى قايغۇلۇق ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى،13-،14-،15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى،9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى يولداش لى پېڭ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2019-يىل 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 23 تىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە 91 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.

يولداش لى پېڭ 1928-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىن. ئۇ ئىنقىلابىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، بالىلىق چاغلىرىدا دادىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئائىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،ئىنقىلابىي ئىدىيەنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا ئىرادە باغلىغان. 1941-يىلى 3-ئايدا، ئۇ يەنئەنگە بېرىپ ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي نەزەرىيە ۋە پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان، 1945-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇ بۇ مەزگىلدە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، سەنشى چاخار خېبېي ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ تېخنىكى،خاربىن ياغ زاۋۇتىنىڭ ياردەمچىسى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1948-يىلى9-ئايدا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بارغان. 1955-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، فېڭمەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش ئىنژېنېرى، شەرقىي شىمال توك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، تەڭشەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، فۇشىن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1966-يىلدىن 1979-يىلغىچە بېيجىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى، بېيجىڭ توك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ كۈرەش قىلغان. 1979-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ مۇئاۋىن ئېلېكتىر سانائىتى مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە شىمالىي جۇڭگو توك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئېلېكتىر سانائىتى مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپا شۇجىسى،مۇئاۋىن سۇ ئېلېكتىر مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئېلېكتىرنى ئالدىن يولغا قويۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرنى مۇۋاپىق، ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ۋە توك ئىشلەپچىقىرىشى، ئېلېكتىر تورىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولغان؛ئۇ ئېلىمىز ئېلېكتىر سانائىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، يادرو ئېلېكتىر ئىشلىرىنىڭ مۇھىم باشلامچىسى. 1983-يىلى 6-ئايدا يولداش لى پېڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان، 1985-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمى يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان. ئۇ ئېنېرگىيە، قاتناش، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، «7-بەش يىللىق» پىلاننىڭ ئېنېرگىيە، قاتناش جەھەتتىكى تەرەققىيات فاڭجېنىنى تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىپ، ئۇنىۋېرسال، بىرلىككە كەلگەن قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور تېخنىكا جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قەدىمىنى تېزلەتكەن. 1987-يىلى 11-ئايدا يولداش لى پېڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، شۇ ئايدا 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-سانلىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ مۇۋەققەت زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1988-يىلى 4-ئايدا 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ1-يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ تۈزەش رەتكە سېلىش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ يېڭى ۋاسىتىسى ۋە يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشى، يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولغان. 1989-يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن سىياسىي بوران-چاپقۇندا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ۋەكىللىكىدىكى پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ قەتئىي قوللىشى ئارقىسىدا، يولداش لى پېڭ بايرىقى روشەن ھالدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى كۆپ ساندىكى يولداشلار بىلەن بىرلىكتە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ مالىمانچىلىقنى توسۇپ، ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى تىنچىتىپ، ئىچكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ زور كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينىغان. 1989-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى4-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولداش لى پېڭ دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلغان.

1992-يىلى 10-ئايدا، يولداش لى پېڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغان. 1993-يىلى 3-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، ئۇ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا يەنە بىر قېتىم تەيىنلەنگەن. يولداش دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسىنى ئاكتىپ قوللىغان، تەشۋىق قىلغان ۋە ئىزچىللاشتۇرغان، پارتىيە 14-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە 9-بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1997-يىلى 9-ئايدا يولداش لى پېڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغان. 1998-يىلى 3-ئايدا، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان.

مەركىزىي كومىتېتقا بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يولداش لى پېڭ دۆلەت مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت پەن-تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتەپ، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مۇھىت ئاسراش، دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەرگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. ئۇ «پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» دېگەن ئىدىيە ۋە مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىگە زور تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ مۇھىت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە «ئۈچ ماس قەدەملىك»، «ئۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە مۇھىت ئاسراش يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە تېپىپ چىقىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نۇرغۇن مول ئۈنۈملۈك ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ سەنشيا قۇرۇلۇشىدا ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش ۋە قۇرۇلۇشتا مۇھىم رول ئويناپ، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللىغان ۋە ئىلگىرى سۈرگەن. يولداش لى پېڭ ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىم باشلامچىسى، سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، پائال ئىلگىرى سۈرگۈچىسى. ئۇ باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى، باھا تۈزۈلمىسى، تاشقى سودا تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. يولداش لى پېڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم رەھبىرى. ئۇ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشى ئارقىلىق، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ ئورنىنى دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى شەكلىدە بېكىتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي تاكتىكىسى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە تەقسىمات تۈزۈمى، شۇنىڭدەك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ مۇھىم رولى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرغان، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. يولداش لى پېڭ خەلق ئاممىسىغا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن.

2003-يىلى 3-ئايدا يولداش لى پېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان بولدى. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى ۋە قوللىدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى ۋە قوللىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىدى.

يولداش لى پېڭنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، جەڭگىۋار ھايات، شانلىق ھايات، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

يولداش لى پېڭ مەڭگۈ ھايات!

0 (1).jpg
1124803062_15641265557521n.jpg
未标题-1.jpg
يولداش لى پېڭ ۋاپات بولدى