شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2019-07-23 11:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى خەلق سارىيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى بىرلىكتە جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يىپيېڭى سەھىپە ئاچتۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ زىيارەتنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ساقلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەرشارىلىشىش دەۋرىدە ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە قىلىش يولى، بېكىنىۋېلىپ، ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇش پەقەتلا ئۆز مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ خالاس. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇناسىۋەت نىشانى ناھايىتى چوڭ، مەزمۇنى سەرخىل، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پەيدا كۆرىدۇ، بۇ يۈز يىللىق پىلان بولۇپ، ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان تىپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئۈلگىسى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، بۇ يىل ئىلگىرىدىكىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. سىز مۇشۇ پەيتتە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدىڭىز، بىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشكەن خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىمىز، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىدىكى مۇھىم پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. مەن سىز بىلە بىرلىكتە، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە داۋاملىق مۇقىملىقنى ساقلاپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش داۋامىدا رولنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ھاسىل قىلىشقا باشلامچىلىق قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەت سىياسىيدا بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو بولغان خەلقئارا سىستېمىنى؛ خەلقئارا قانۇن ئاساس بولغان خەلقئارا تەرتىپنى؛ كۆپ تەرەپچىلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بىر بەلباغ بىر يولنى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 2030-يىلىغىچە ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلىپە پورتى 2-قارار يۈك ساندۇقى پىرىستانى بىلەن جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقى ئۈلگە باغچىسى ئۈلگە تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك، مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى پۇختىلاش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇش لازىم، جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 200 مەكتەپتە خەنزۇچە دەرس تەسىس قىلغانلىقىنى قوللايدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك، جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارس قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ھەتتا دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، پارس قولتۇقى رايونى «يېڭى مالىمانچىلىق مەنبەيى» بولماستىن داۋاملىق «خەۋپسىزلىك بوستانلىقى» بولۇشى كېرەك. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى قوللايدۇ، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، پاندورا قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچماي، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، توقۇنۇشنى پەسەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە پارس قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

مۇھەممەد مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ ياخشى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە جۇڭگو كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونى داۋاملىق كۈچلۈك قوللايدۇ. بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى رايوننىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇنىڭغا پائال قاتنىشىدۇ ھەمدە ئەڭ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى، جۇڭگو بىلەن ئۈچىنچى تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىشنى خالايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگوغا سالىدىغان مەبلەغ، ئېنېرگىيە تەمىناتى ۋە سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، پەن تېخنىكا ساھەسىدە جۇڭگو شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى قوللايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «شەرقىي تۈركىستان»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق، ئەسەبىي كۈچلەرگە تەڭ زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە رايوننىڭ ئەمىنلىكىنى تەڭ قوغداشنى خالايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ تەشەببۇسنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق پارس قولتۇقى رايونىغا قوللانغان مەسئۇلىيەتچان سىياسىتىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى قارشى ئالىدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى نۇرغۇن قوش تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا مۇھەممەد شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

0 (1).jpg
1124803062_15641265557521n.jpg
未标题-1.jpg
شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى