شى جىنپىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى خۇلاسە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى
0
2019-07-07 20:14:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ھەم باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە بولغان بىر قېتىملىق سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك قايتا قۇرۇش. بىز مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سىستېمىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، قوراللىق كۈچ سىستېمىسى، ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇش خاراكتېرلىك مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك كۈچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى، قوراللىق كۈچلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللەش ھاياتىي كۈچىنى سىستېمىلىق كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىدىغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور ئۈنۈم ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش-پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر زور ھەرىكەت، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق مەركەزلىك ھەرىكەت. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش سالماقنى زورايتىپ، ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خادىملار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاپ، بىر يۈرۈش مۇھىم نەزەرىيە، تۈزۈم، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايدىغان ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، تۈرلۈك ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى سەپلەشنى بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇردى؛ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى سەپلەشتە، مەركەز بىلەن ئاساسەن ماسلىقنى ساقلاپ، مەركەزدىن يەرلىككىچە بولغان يۈرۈشۈشى راۋان، ھاياتىي كۈچكە تولغان خىزمەت سىستېمىسىنى ئورناتتى؛ ئارمىيە، يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردى؛ ئالاقىدار تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ ئىسلاھاتىنى تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بىز قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدەندۇق ھەم توپلىدۇق، بۇ تەجرىبىلەر-پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، كونىسىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، يېڭىسىنى قۇرۇماسلىق، ئالدى بىلەن يېڭىسىنى قۇرۇپ، ئاندىن كونىسىنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇش، ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ تەڭكەش يۇقىرى ئۈنۈمىدە چىڭ تۇرۇش، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ بىر تاختا شاھمات بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنى ئۆز ئارا بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىدىيە-سىياسىي خىزمەتنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەت-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرىنىڭ پۈتۈنلەي توغرىلىقى، ئىسلاھاتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنىڭ كۈچلۈك، مۇستەھكەملىكىنى ئىسپاتلاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ھاسىل بولغان ياخشى سىياسىي ئۈنۈمنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي قۇرۇلمىنى قايتا قۇرۇشنى تاماملاش، ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش-پەقەت يۈزەكى مەسىلىلەرنىلا ھەل قىلدى، ھەقىقىي خىمىيەلىك تەسىر پەيدا قىلىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇشتا تەڭكەش يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مۇھىم خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم، ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-چوڭ ئىشلارنى پىلانلاش، چوڭ ئىشلارنى كېڭىشىش، چوڭ ئىشلارنى چىڭ تۇتۇش. پارتىيە خىزمىتى ئاپپاراتلىرى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باش بولۇپ چىڭ تۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىشى كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش سىستېما بويىچە ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ساھەسىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش لازىم. ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، ھەر قايسى تارماقلار ئۈچ بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلىپ، ئاساسلىق مەسئۇلىيەتكە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتا، مۇھىم ھالقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇملۇق ئاستىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇملۇق ئاستىدا ھەرىكەت قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى لازىم. مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ھەم دۆلەت تۈزۈمىنىڭ بىر تۇتاش، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ بىر تۇتاش بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، مەركەز ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئۆز كەسپى، ئۆز سىستېمىسىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتنى ياخشى قىلىشى، يەرلىكلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشى لازىم. ئالاقىدار يانداش ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي ئورۇنلار بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنى ئايرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن ئىش بېجىرىشنى ئايرىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېرىشىپ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى باشقۇرۇش بىلەن ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى چىڭىتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ يانداش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئاپپارات ئىشتاتىنى داۋاملىق قاتتىق، چىڭ تىزگىنلەش لازىم. ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جۈرئەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئاپپاراتلارنىڭ يېڭى فۇنكسىيەسىگە يېڭى تەلەپ قويۇشنى توغرا ئىگىلەپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، ساپ، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ چىقىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان جاسارەتلىك كۈرەش قىياپىتى ۋە ھەر قانچە جاپا، خېيىم-خەتەر بولسىمۇ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش روھىنى ساقلاپ، مىخ مىخلاش روھى بويىچە خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭ تەخسىگە قويۇپ پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك جەڭ. ئاپپارات ئىسلاھاتى ياراتقان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاش ئالدىمىزغا قويۇلغان قاتتىق ۋەزىپە. ھازىر 2020-يىلى مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پەقەت بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. بىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، داۋاملىق قاتتىق جەڭ قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىش ھەل قىلغۇچ تەدبىرى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە يەرلىكلەر، باشلامچى تارماقلار ۋە قاتناشقان تارماقلار، ئاساسىي گەۋدە ئىسلاھاتى ۋە يانداش لايىھەلەر، ئىسلاھات تەدبىرى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتى، سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە خۇلاسىلەپ كېڭەيتىش، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنىڭ يانداش ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات، تەرەققىيات تەپەككۇرىنى پىلانلاش، گەۋدىلىك زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەۋپ-خەتەر، خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ سۈپىتى ۋە يولغا قويۇش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەزىيەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ۋەزىپە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، خىزمەت تەلىپىمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، چوقۇم پەرقنى توغرا تېپىپ چىقىپ، پەرقلەرگە ئىلمىي ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھاتلار، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىلىدىغان ئىسلاھاتلار، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىسلاھاتلارنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالدى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق مەركەزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىلەرنى رەتلەپ تۇتاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، مۇكەممەللىشىشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور ئۈنۈم ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياراتقان پايدىلىق شارائىتلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ھەقىقىي، تەپسىلىي، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق يارىتىشىمىز كېرەك.

يىغىندا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزى كومىتېت ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى ئىشخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى دوكلات سۆزى قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۈسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، قىسىمنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

未标题-1.jpg