شى جىنپىڭ بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
0
2019-07-04 15:14:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلق سارىيىدا بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رۇمېن رادېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-بۇلغارىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، بۇلغارىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رۇمېن رادېۋنىڭ دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ھەربىي ئوركېستىر بۇلغارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت شېرىنى ئورۇندىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى.

رۇمېن رادېۋ شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە قايتىپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ سەپكە تىزىلىشىنى كۆردى. ئارقىدىن ھەربىي ئوركېستىر ئويۇن قويدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ جۇڭلى، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

زۇڭتۇڭنىڭ رەپىقىسى، بۇلغارىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، پارلامېنت رايون تەرەققىياتى ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىقلار رۇمېن رادېۋغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە كەلدى.

رۇمېن رادېۋ شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا زۇڭتۇڭ رادېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ رادېۋ ئەپەندىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. مەن خۇشال ھالدا بۇ يىل 6-ئايدا، سانكىت پېتىربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى مەزگىلىدە يۈز كۆرۈشكەنلىكىمىزنى ئەسلەيمەن، بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، بىز يەنە كۆرۈشتۇق. زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگونى بۇلغارىيەنىڭ ئەۋزەل شېرىكى دەپ قاراپ، جۇڭگو-بۇلغارىيە دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال كۈچ چىقاردى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيمەن. بۇلغارىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بۇ يىل شۇنداقلا جۇڭگو-بۇلغارىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە جارى قىلدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق ھېكايىلىرى تارقالدى. جۇڭگو-بۇلغارىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدىم، ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-بۇلغارىيە دوستلۇقىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇپ، جۇڭگو-بۇلغارىيە ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور تەلىپىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە قارىتا نۇرغۇن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان قاراشلىرى بار، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. بۇلغارىيە جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھۆكۈمەتلەر ئارا ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىغان ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو بۇلغارىيە بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە زورىيىشىنى، ياۋروپانىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بۇ ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاپپاراتىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇلغارىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى، شۇنداقلا جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، بۇلغارىيە تەرەپنىڭ ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رۇمېن رادېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلغارىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق، بۇلغارىيە تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا ۋە ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان دەرۋازا ۋە تۈگۈنگە ئايلىنىشىنى خالايدۇ. بۇلغارىيە جۇڭگو بىلەن سودا، تىرانسپورت، ئاۋىياتسىيە، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش، يەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇلغارىيەگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. بۇلغارىيە كۆپ تەرەپچىلىكنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بۇلغارىيە ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

未标题-1.jpg
شى جىنپىڭ بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى