شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن قانۇن چىقىرىش كېڭىشى بىناسىغا زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەت بايان قىلىندى
0
2019-07-03 17:21:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يۈز بەرگەن قانۇن چىقىرىش كېڭىشىگە زوراۋانلىق ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەت بايان قىلدى. بۇ باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلىگەن خۇشاللىق كۈن ئىدى، ئەمما بىر ئۇچۇم ئەسەبىي رادىكال ئۇنسۇرلار ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە قارشى تۇرۇش باھانەسى بىلەن چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق ئۇسۇلى بىلەن قانۇن چىقىرىش كېڭىشى بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى كەلسە-كەلمەس بۇزدى. بۇ خىل ئېغىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىلىقىنى دەپسەندە قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزدى، شياڭگاڭنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، بۇ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ چېكىگە ئاشكارا خىرىس قىلغانلىق. بىز بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. بۇ باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي ھۆكۈمەت شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ زوراۋان جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىمۇ تۈنۈگۈن سۆھبەت ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر ئۇچۇم ئەسەبىي ئۇنسۇرلار چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق ئۇسۇلى بىلەن بىلەن قانۇن چىقىرىش كېڭىشى بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى. بىنا ئىچىدە قانۇن ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلماي بىر قاتار زور بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلدى، بۇ كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ئېچىندۇرىدۇ ۋە نەپرەتلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىلىقىغا بولغان زور ئىغۋاگەرچىلىك ۋە ئۇنى دەپسەندە قىلىشتۇر، ئۇلار شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇنىڭغا ھەرگىز چىداپ تۇرالمايمىز. بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار زوراۋانلىق قىلمىشىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىلىقى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قەتئىي قوغدايدۇ، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى بىلەن شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن نامايىش ھەمدە قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇن چىقىرىش كېڭىشى بىناسىغا زوراۋانلىق ھۇجۇمى قىلغانلىقى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا سۆھبەت بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشىدىن قاتتىق نارازى بولدۇق، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇمىز، ئالاقىدار دۆلەتلەردىن جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا سۆز- ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قانداق دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ «ئۈچتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك» دېگەن سۆز بىلەن جۇڭگونىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدى. گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. بىز ئەنگلىيەدىن خاتا سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چوڭقۇر ئويلىشىپ، ھەر قانداق شەكىلدە شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز.

شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن قانۇن چىقىرىش كېڭىشى بىناسىغا زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەت بايان قىلىندى