لى كېچياڭ: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارلاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش لازىم
0
2019-06-26 11:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 لى كېچياڭ: مەملىكەتلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدا بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارلاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش لازىم

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىكى زور ئىسلاھات تەدبىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى زورايتىش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىدا مۇھىم تېرەك بولىدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارا مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش، خەۋپ-خەتەر خىرسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»تىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، بازارنىڭ سوبيېكتىپ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇشتا بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش-نامۇۋاپىق تۈزۈلمە، مىخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، بازار ھاياتى كۈچى ۋە ئىجتىمائىي ئىجادچانلىقنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇشتۇر؛ قانۇنچىللاشتۇرۇش-قائىدە ئاشكارە، نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئادىل مۇۋاپىق بولۇش، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداشتۇر؛ خەلقئارالاشتۇرۇش-ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، خەلقئارادا ئومۇملاشقان ئىقتىساد-سودا قائىدىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتۇر. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدا ئاددىيلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، خەلق ۋە كارخانىلارغا قولايلىق ۋە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش كېرەك. بازار ئىجازىتى سەلبى تىزىملىكىنى ئازايتىپ، بۇ يىل سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تۈرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئازايتىش لازىم. «ئىككىنى ئىختىيارى تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بىلەن ئىناۋەت نازارەت قىلىش باشقۇرۇش، نۇقتىلىق نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى كەڭ قورساق، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش باشقۇرۇش، ۋاكسىنا، دورا قاتارلىقلارنى تولۇق قاپلاش، قاتتىق نازارەت قىلىش باشقۇرۇش لازىم. مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى تورلاشتۇرۇپ، يان تېلېفون ئەپلىرىدە ئىش بېجىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئائىلە ئىشلىرى، كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرىدىغان قانۇن-قائىدىلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش لازىم.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ۋە سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىشى كېرەك.

لى كېچياڭ: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارلاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش لازىم