بىر ھەپتىلىك خەلقئاردىكى ئىشلار
0
2019-06-24 18:23:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

مىكى چاشقاننىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش

سۈرەتتە 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ فونىيە شىتاتىدىكى دېسنىي باغچا رايونىدا تارتىلغان چاشقان ئوبرازى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمىسى. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى دېسنىي چاشقان ئوبرازى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 90 يىللىقى. كېيىنكى بىر يىلدا، دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدىكى دېسنىي شادلىق باغچىسىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مىكىچاشقاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلىنىدۇ .

خەلقئارا يوگا كۈنى

6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا بىر ئەر يوگا مەشىق قىلماقتا. ھەر يىلنىڭ 6 - ئاينىڭ 21 -كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى تەرىپىدىن خەلقئارا يوگا كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن .

يازلىق كۈن - تۈن توختاش مۇزىكا بايرىمى

6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدا كىشىلەر يازلىق كۈن - تۈن توختاش مۇزىكا بايرىمىدا ئويۇن قويماقتا. يازلىق كۈن - تۈن توختاش مۇزىكا بايرىمى بېلگىيەنىڭ يازلىق مەدەنىيەت كاتتا پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەرنى مۇزىكىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان .

 

چوڭ يول مودا كىيىم كۆرگەزمىسى

6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سىنگاپور شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ۋۇجيې يولى ئېغىزىدا مودىللار يازلىق كىيىملەرنى كۆرگەزمە قىلدى.

ئاياللار كۈنى

6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەنگلىيە ئاسكوتتا خانىملار بېشىغا شىلەپە كىيىپ خان جەمەتى ئاسكوت بەيگىسىنى كۆرگەندە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شۇ كۈنى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئاسكوت ئات بەيگىسى كۈنى. بۇ كۈنى ئاياللار ھەرخىل شىلەپە كىيىپ ئات بەيگىسىنى كۆرىدۇ.

يەر تەۋرەش مانېۋىرى

6-ئاينىڭ 20-كۈنى فىلىپپىننىڭ كۇيسۇڭ شەھىرىدە ئوقۇغۇچىلار بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىپ يەر تەۋرەش مانېۋىرىغا قاتناشتى.

جۇڭگونىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ھېسابلاش ساھەسى

6- ئاينىڭ 17-كۈنى، گېرمانىيە فرانكفورتتا، بىر خىزمەتچى 34-نۆۋەتلىك خەلقئارا دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش يىغىنى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا A t l a s 200 A I تېزلىتىش مودېلىنى كۆرسەتتى. گېرمانىيە فرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلگەن 34-نۆۋەتلىك خەلقئارا دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ھېسابلاش ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى خەلقئارا كەسىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 

6.7 بال يەر تەۋرىدى

سۈرەتتە 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ياپونىيەنىڭ بىر ناھىيە بازىرىدىكى يەر يېرىلىپ كەتكەن نەق مەيدان . ياپونىيەنىڭ شەنشىڭ ناھىيەسى ئەتراپىدىكى دېڭىزدا 18 - چېسلا كەچتە 6.7 بال يەر تەۋرىدى ، بۇ ناھىيە ۋە شىنتيەن ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى .

تەبەسسۇم

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئافغانىستاننىڭ كابۇلدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر نەچچە بالا ئېكرانغا قاراپ كۈلۈمسىرىمەكتە. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيا بويىچە سەرگەردانلارنىڭ سانى 70 مىليون 800 مىڭغا يېتىپ، 20 يىل ئىلگىرىكىدىن 20 ھەسسە ئاشقان ھەم 70 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

ئارام پەيتى

6-ئاينىڭ 17-كۈنى، بىر ساياھەتچى ئىراننىڭ ئۇرۇمىيە كۆلى بويىدا ئولتۇرماقتا.

بىر ھەپتىلىك خەلقئاردىكى ئىشلار
640.webp (3).jpg