شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدى
0
2019-06-24 10:49:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 6-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى رى سولجۇ ھەمراھ بولدى.

شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن پىيۇڭياڭ شەھەر رايونى مۇدەن چوققىسى ئېتىكىدىكى جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىغا يېتىپ كەلدى، كىم جۇڭئۇن بىلەن رى سولجۇ ئۇلارنى ماشىنىدىن چۈشكەن جايدا كۈتۈۋالدى. چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھەيۋەتلىك سەپكە تىزىلغان ئىدى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. ئاندىن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى گۈل سېۋىتىنى مۇنار سۇپىسىغا ئېلىپ كەلدى. شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن پەلەمپەيگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى لېنتىلىرىنى رەتلىدى. قىزىل لېنتىغا «جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈ ھايات» دەپ يېزىلغان ئىدى.

بارلىق خادىملار جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن كىم جۇڭئۇن ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ سەپكە تىزىلىش مۇراسىمىنى كۆردى.

شى جىنپىڭ ئەر-ئايال كىم جۇڭئۇن ئەر-ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا مۇنارنى ئايلىنىپ مۇنارغا سىزىلغان جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ چاۋشيەنگە بېرىش كۆرۈنۈشى ۋە جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قاپارتما نەقىشنى تەپسىلىي كۆردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئەر-ئايال كىم جۇڭئېن ئەر-ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارى خاتىرە زالىغا كىردى. خاتىرە زالىدا، شى جىنپىڭ پىدائىيلار ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تەپسىلىي ئوقۇدى، تام رەسىملىرىنى كۆردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن مەن چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتىم بىلەن جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدىم. پىدائىي ئارمىيەدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسىملىكى ۋە خاتىرە زالىدىكى غايەت زور رەسىمدە، جۇڭگو خەلقى پىششىق بىلىدىغان خۇاڭ جىگۇاڭ، چيۇ شاۋيۈن، ياڭ گېنسى، لو شېڭجياۋ قاتارلىق پىدائىيلار ئارمىيەسى قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسمى ۋە ئوبرازى بار، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى جۇڭگودا ھەممە كىشى بىلىدۇ. بۈگۈن بىز بىرلىكتە جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدۇق، بىرىنچىدىن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغانلىقىدەك شەرەپلىك تارىخنى ئەسلەپ ئۆتتۇق؛ ئىككىنچى، كېيىنكىلەرنى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردۇق؛ ئۈچىنچىدىن، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ تىنچلىقنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلدۇق. بىز جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋەتىنىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، بېغىشلىما دەپتىرىگە: «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتەيلى» دەپ يازدى.

كىم جۇڭئۇن مۇنداق دېدى: چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇق مۇنارى چاۋشيەن-جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئابىدىسى، چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىدىكىلەرنىڭ چاۋشيەننىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش جەريانىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغانلىقىنى مەڭگۈ ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ ھەمدە يېڭى دەۋردە چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

چاۋشيەن تەرەپتىن سۈي روڭھې، پاڭبوڭزۇ، لى يېڭخۇ قاتارلىقلار قاتناشتى.

640.webp (3).jpg
شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدى
1124651013_1561056512016_title0h.jpg
1124650978_15610560781901n.jpg