شى جىنپىڭ چاۋشيەندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى
0
2019-06-20 16:12:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پيوڭياڭغا يېتىپ بېرىپ، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 لەردە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان پيوڭياڭ شۈنئەن ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. يامغۇردىن كېيىنكى ئوچۇق ھاۋا بىلەن تولغان پيوڭياڭنىڭ ھاۋاسى كىشىگە يېقىشلىق بولۇپ، ھەممە يەرنى ياپ-يېشىللىق قاپلىغان ئىدى، پۈتكۈل شەھەر قىزغىن دوستلۇق كەيپىياتىغا تولۇپ تاشقان ئىدى. ئايرودۇرۇمدا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دۆلەت بايراقلىرى لەپىلدەپ تۇرغان بولۇپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى يولداش شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىمىز»، «ئىسسىق قان بەدىلىگە كەلگەن جۇڭگو-چاۋشيەن خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى يېمىرىلمەس دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق مەڭگۈ ياشىسۇن» دېگەن چوڭ لوزۇنكىلار ئېگىز ئېسىلغان ئىدى، ئون مىڭغا يېقىن ئامما رەتلىك سەپ تۈزۈپ، گۈلدەستىلەرنى كۈچلۈك پۇلاڭلىتىپ، خۇشاللىققا تولغان شوئارلار ۋە قىزغىن تەبەسسۇم بىلەن جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى رى سولجۇ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

چاۋشيەن ئاممىسىنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقتى، كىم جوڭئۇن بىلەن رەپىقىسى رى سولجۇ ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشۈپ، كىم جوڭئۇن بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. چاۋشيەنلىك بالىلار شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن چاۋشيەننىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

چاۋشيەن ئايرودۇرۇمدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 21 پاي ھۆرمەت توپى ساداسى ئىچىدە، ھەربىي ئوركىستىر جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، شى جىنپىڭ كىم جوڭئۇننىڭ ھەمراھلىقىدا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئۈچ ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم پارات ماھارىتىنى كۆردى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھلىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ چاۋشيەندىكى باش ئەلچىسى لى جىنجۇنمۇ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن پاك پوڭجۇ، رى يوڭخۇ، لى ۋەنجيەن، لى سۇيۇڭ، سۈي خۇي، كىم يۇڭچۇل، كىم شيۇجى، لى يۇڭجى، نۇ گۇاڭتيې، لى لۇڭنەن، كىم يۈجېڭ قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 21 ھۆرمەت موتسىكلىتنىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا، شى جىنپىڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانخانىسغا قاراپ ماڭدى. يول بويىدا نەچچە يۈز مىڭ ئامما جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دۆلەت بايراقلىرى ۋە رەڭگارەڭ گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقى ياشىسۇن دېگەن شوئارلارنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن توۋلاپ، يولنىڭ ئىككى قاسىنىقىدا تۇرۇپ قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ لىمىڭ كوچىسىنىڭ ئېغىزىغا كەلگەندە، ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا ئالمىشىپ، كىم جوڭئۇن بىلەن بىر ماشىنىدا جىنشيۇشەن تەيياڭگۇڭ مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، ناھايىتى تەنتەنىلىك تۈسكە كىرگەن ئىدى. قارشى ئالغان ئامما ئېگىز يەرلەردە، بىنالارنىڭ بالكونلىرىدا تۇرۇپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارغا ئالقىش سادالىرى بىلەن ھۆرمەت بىلدۈردى. ھەممە جاينى قىزغىن تەبەسسۇم قاپلىغان بولۇپ، دوستانە ئالقىش سادالىرى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇردى. شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭئۇن قارشى ئالغان ئاممىغا توختىماي قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئىللىق قۇياش نۇرىدا، جىنشيۇشەن تەيياڭگۇڭ مەيدانى ئالاھىدە ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەن ئىدى، كىم ئېرسىن، كىم جوڭئىلنىڭ غايەت زور سۈرىتى ئېگىز قىلىپ يانمۇ-يان ئېسىلغان ئىدى، چوڭ گۈل تەشتەكلىرى كەڭ مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلغان بولۇپ، خۇشپۇرىقى ئەتراپقا تارقالغان ئىدى. قارشى ئالغان ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، رەتلىك تىزىلغان ئىدى. شى جىنپىڭ يېتىپ كەلگەندە، نەچچە ئون مىڭ رەڭلىك شار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن كىم جوڭئۇن بىلەن رى سولجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، بۇ يەردە چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى ھەم پيوڭياڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئېھتىرامىنى قوبۇل قىلدى، ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. بۇ-چەتئەل رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم جىنشيۇشەن تەيياڭگۇڭ مەيدانىدا ئېھتىرامنى قوبۇل قىلىشى بولۇپ، ساھىبخاننىڭ قىزغىنلىقى ۋە ھۆرمىتىنى گەۋدىلەندۈردى. چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن سۈي لۇڭخەي، كىم سەيلۇڭ، پاك گۇاڭخاۋ، كىم پىڭخەي، ۋۇ شۇيۇڭ، پاك تەيچېڭ، تەي خېڭچې، سۈي فۇرى، جېڭ جىڭزې، كىم دېشۈن، لى جۇۋۇ، دۇڭ جېڭخاۋ، كىم نېڭۋۇ قاتارلىقلار ئېھتىرام بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانخانىسىغا يۈرۈپ كەتتى.