شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13-قىتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى
0
2019-06-19 15:18:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ۋەكىللەر ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىغا يىتىپ كەلگەندە پۇتۇن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدە ئېچىلدى . يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى قۇدرەتلىك زامانىۋى خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشتىن ئىبارەت.

شۈ چىلياڭ، جاڭ يۇشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىنلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.