شى جىنپىڭ چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
0
2019-06-18 18:08:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا چاۋشيەنگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 20، 21-كۈنلىرى چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن. بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ 14 يىلدىن كېيىن چاۋشيەننى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشى، شۇنداقلا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەننى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دوست قوشنا دۆلەت، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى چاۋشيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە باشتىن-ئاخىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بېرىش-كېلىش ئەنئەنىسىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، تەنتەربىيە، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال كۈچ چىقاردى. ئۆتكەن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئېن بىلەن تۆت قېتىم كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى، يېرىم ئارال ۋەزىيىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى.

جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ ئالاقىدار تەرەپلەرنى يېرىم ئارال سۆھبىتىنى قەدىرلەپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو چاۋشيەننىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى يولغا قويۇشىنى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىشنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنىڭ مۇھىم رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداشنى تەكىتلىدى.

چاۋشيەن تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋالىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئېن بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە سۆھبەتلىشىدۇ، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆتكەن 70 يىللىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ۋە خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ يېرىم ئارال ۋەزىيىتى توغرىسىدا يەنىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر يەنە جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسلىق ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتۇشۇپ تۇرۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى سىياسىي مۇناسىۋىتى، ئەلئارا دوستلۇق ئاساسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقىدىن بولغان دېدى. بۇ يىل ئىككى تەرەپ بىرلىكتە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، تارىخنى ئەسلەش، كەلگۈسىنى پىلانلاش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتتى.

ئارقا كۆرۈنۇش