مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرسى ۋاپات بولدى
0
2019-06-18 17:52:00
|
مەنبەسى:خەلق تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

سۈرەتتە: مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرسى قاھىرەدىكى بىر سوتتا سوتلانغان ماتېرىيال سۈرەت (2016-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان)

مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرسى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى پايتەخت قاھىرەدە 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ «ئېھرام گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇرسى شۇ كۈنى جاۋابكار سۈپىتىدە بىر جاسۇسلۇق دېلوسى بىلەن سوت قىلىنغاندا قازا قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سوتتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە، مۇرسى سۆز قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە سوتچىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىش سەۋەبلىك سوتتا ھوشىدىن كەتكەن ھەمدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىدىن بولغان مۇرسى 2012-يىلى مىسىر زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، بىر يىلدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نامايىشتا مىسىر ھەربىي تەرەپ تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. مۇرسى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى مىسىر دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2017-يىلى 9-ئايدا مىسىر نارازىلىق ئەرزى ئالىي سوت مەھكىمىسى مۇرسىنى قاتارغا دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى بىلەن 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە رۇخسەت قىلمىغان.

مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرسى ۋاپات بولدى