شى جىنپىڭ جۇڭگو، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە باشلىقلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى
0
2019-06-17 11:39:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بىشكەكتە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلۇغ بىلەن جۇڭگو، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە باشلىقلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى، ئۈچ تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلىدى، ھەمدە ھەمكارلىققا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنىڭ پىلانى ئۈستىدە كېڭەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە چېگرىداش، تاغ دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان ياخشى قوشنىلار، ئىناق بىرگە ئۆتىدىغان ياخشى شېرىكلەر، ئۈچ تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئۇستۈنلۈككە ۋە قويۇق ئەنئەنىۋى ئاساسغا ئىگە. ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا، بىز چىڭداۋدا ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ 4-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىن بۇيان، ئۈچ تەرەپ يېقىندىن ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ئۈچ تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى تەدرىجىي چوڭقۇر قانات يايدۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل، جۇڭگو تەرەپ، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە ھەمكارلىقى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالىدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارادا قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىلىك باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئۈچ تەرەپ رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى بۇ ئاساسى لىنىيە بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشدەك ئىجابىي سېگنالىنى بېرىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1-، ئىستىراتېگىيە جەھەتتە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلساق. سىياسى جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى قوللاش سالمىغىنى زورايتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتسەك. 2-، نۇقتىلىق ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولساق. ئۈچ تەرەپ، جۇڭگو، موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيە ئىقتىسادى كارىدورى رامكسى ئىچىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ تەرەپنىڭ تاموژنىنى قوللايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 3-، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كېڭەيتسەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. بارغانسىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. مەن، موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، رايون ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمان بولۇپ، جۇڭگو، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا رۇسىيە، جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ھەمدە ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ يايلاق يولى پىلانى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئۈچ تەرەپ، قاتناش ترانسىپورتتا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق سودىنى كېڭەيتىپ، ئېنىرگىيە، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

باتتۇلۇغ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، موڭغۇلىيەنىڭ قەتئىي چىڭ تۇرىدىغان فاڭجېنى. موڭغۇلىيە جۇڭگو، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك يول خەرىتىسى بىلەن جۇڭگو موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى رامكسىى ئىچىدىكى ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولىدۇ. ئۈچ تەرەپ ئالاقىدار مېخانىزم خارەكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ دۆلەتتىن ھالقىغان خەلقئارا تاش يول تور قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنىنى قولايلاشتۇرۇپ، ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايۇن ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگو، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە باشلىقلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى