شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بەرگەن «تاج ئوردېنى»نى قوبۇل قىلدى
0
2019-06-17 11:33:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى دۈشەنبىدە مۇراسىمغا قاتنىشىپ، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بەرگەن «تاج ئوردېنى»نى قوبۇل قىلدى.

ئوردېن بېرىش مۇراسىمى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. تاجىكىستاننىڭ ئېلانچىسى ئوردېن بېرىش ھەققىدىكى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، راخمان شى جىنپىڭغا تاجىكىستان دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالى ئوردېنى «تاج ئوردېنى»نى ئېسىپ قويدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي قول ئېلىشىپ، بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

راخمان شى جىنپىڭنىڭ تاجىكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تۆھپىسىگە يۈكسەك ئاپرىن ئېيتتى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ راخماننىڭ ماڭا «تاج ئوردېنى»نى بەردى، بۇنىڭغا بارلىق تاجىكىستان خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇق-مۇھەببىتى سېڭگەن، مەن بۇنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن. مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخىت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.


شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بەرگەن «تاج ئوردېنى»نى قوبۇل قىلدى