گېڭ شۇاڭ: ئىسمىنى ئاتىماي بولدى، كۆڭلىگە كېلىپ قالمىسۇن
0
2019-06-12 22:37:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو، يېقىندا شىۋېتسارىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يەنە داۋراڭ سېلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو كارخانىلىرى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ساقلىيالمايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىق بىلەن باراۋەر، خۇاۋېي خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلسە، شەخسىي سىر ۋە سانلىق ئۇچۇرلارنى قوغداش كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ.

5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا باياناتچى گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېگەن: پومپىئو ئەپەندىمنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى يالغانچىلىق ۋە سەپسەتىلەرگە تولغان، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە ئابرويىغا زىيان يېتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىناۋىتىگە زىيان يېتىدۇ.

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ

گېڭ شۇاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندىن بۇيان، پومپىئو ئەپەندىم نەگىلا بارسا، گەپ سۆزلىرىدە جۇڭگونى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ، لېكىن ئەپسۇس، ئۇنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى يالغانچىلىق ۋە سەپسەتىلەرگە تولغان. ئۇ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان خۇاۋېي شىركىتىنى مىسال ئالايلى، ئامېرىكا ئىزچىل جۇڭگو كارخانىلىرىدا بىخەتەرلىك خەۋپى مەۋجۇت دەپ جار سېلىۋاتىدۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئادەمنى ئىشەندۈرگىدەك ئىسپات چىقىرالمىدى.

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ تۇتامىغا چىقمايدىغان جىنايەت نامى بىلەن، دۆلەت كۈچى ۋە دۆلەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ، خۇاۋېيدىن ئىبارەت جۇڭگودىكى بىر خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىنى بېسىشى، ئەخلاقسىزلىق، شۇنداقلا بىر سەتچىلىك، بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىگە توغرا كەلمەيدۇ. بۇ يەردە پومپىئو ئەپەندىمگە ئەسكەرتمەكچى بولغىنىم، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى باشقىلار ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئامېرىكا خالىغانچە بېسىۋاتقىنى بىلەنمۇ، جۇڭگو كارخانىسىنىڭ نەتىجىسى خېلىلا يامان ئەمەس.

گېڭ شۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، خۇاۋېي شىركىتى دۇنيادىكى 30 دۆلەتتە 46 پارچە 5G سودا توختامىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا بىر مەزگىل زېرىكمەي-تېرىكمەي نەسىھەت قىلغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ بار.

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى بۇ يەردە ئاتىماي، ئاڭلاپ بەزىلەرنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قالمىسۇن. بۇ ھەققانىيەتنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ نۇرغۇن زاتلارنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ 5G قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئوبيېكتىپ ئادىل پوزىتسىيەدە بولىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە خوجا بولغان ئاساستا ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان تاللاشنى تاللاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. پومپىئو ئەپەندىم مۇنداق بىر چۈشىنىشلىك قائىدىنى بىلىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن دۇنيادا ئىغۋا تارقىتىپ تۆھمەت قىلىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلسا ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە ئابرويىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

سانلىق ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە: جۇڭگو ئۇچراۋاتقان تور ھۇجۇملىرى ئاساسلىقى ئامېرىكىدىن كەلگەن

يېقىندا، (CNCERT) دۆلەت كومپېيۇتېر تورى جىددىي تاقابىل تۇرۇش تېخنىكىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، ماسلاشتۇرۇش مەركىزى «2018-يىللىق دۆلىتىمىز ئالاقە تور بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»نى ئېلان قىلغان. سانلىق ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىن كەلگەن تور ھۇجۇمىنىڭ قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان، ھەمدە تەدرىجىي كۆپىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

CNCERT تەكشۈرۈپ چىققان سانلىق ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياغاچ ئات ۋىرۇسى ۋە مۇردا تورى جەھەتتە، 2018-يىلى، ئامېرىكىغا جايلاشقان 14 مىڭدىن ئارتۇق ياغاچ ئات ۋىرۇسى ۋە مۇردا تورى كونتىرول قىلىش مۇلازىمېتىرى، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى 3 مىليون 340 مىڭدىن ئارتۇق باش ئاپپاراتنى كونتىرول قىلغان، كونتىرول قىلىش مۇلازىمېتىرىنىڭ سانى 2017-يىلدىكىگە قارىغاندا %90.8 ئاشقان. تور بېكەت ياغاچ ئات ۋېرۇسى جەھەتتە، 2018-يىلى، ئامېرىكىغا ئورۇنلاشقان 3325 دانە IP ئادرېسى، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى 3607 دانە تور بېتىگە ياغاچ ئات ۋېرۇسى كىرگۈزگەن، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تور بېكەتلىرىگە ياغاچ ئات كىرگۈزگەن ئامېرىكا IP ئادرېسىنىڭ سانى 2017-يىلدىكىگە قارىغاندا %43 ئاشقان. جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى باش ئاپپاراتنى كونتىرول قىلىش سانى ۋە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ياغاچ ئات كىرگۈزىۋېتىلگەن تور بېكەتلىرى سانىنىڭ ئىستاتىسكىسىغا ئاساسەن، چېگرا سىرتىدىكى ھۇجۇمنىڭ كېلىش ئورنى رەت تەرتىپى جەھەتتە، ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىزچىل جۇڭگونى ئامېرىكىنىڭ تور بىخەتەرلىكىدىكى ئاساسلىق تەھدىت دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن، لېكىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سانلىق ئۇچۇرلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەسلى ئامېرىكا تور ھۇجۇمى قوزغايدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.