مۇھىم!ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلار چوقۇم كۆرۈڭلار
0
2019-06-10 16:39:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شىنجاڭ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھانى تۈگىشى بىلەن، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئاياقلاشتى. ئەمىسە، ئىمتىھان نەتىجىسى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟ بۇ يىل ھەر قايسى جايلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بار؟ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار يەنە قايسى ئۇچۇرلارنى چۈشىنىۋېلىشى ۋە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

نۇرغۇن جايلار ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتىنى جاكارلىدى

ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرگە ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قەدەر، بېيجىڭ، خېبىي، شەندۇڭ، سىچۇەن قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلغان، نۇرغۇن ئۆلكىلەر نومۇر سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتىنى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغا بېكىتكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، سىچۇەن 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە نەتىجىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان؛ بېيجىڭ، خۇبېي، جياڭشى، ئەنخۇي، گۇاڭشى، خېبىي ئۆلكىلىرى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىگە بېكىتكەن. شىنجاڭ، جىلىن 6-ئاينىڭ 24-كۈنىگە بېكىتكەن؛ شەندۇڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنىگە بېكىتكەن؛ خېنەن، خۇنەن، گۇاڭدۇڭدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرەلەيدىكەن.

نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش تۈركۈمى، پاراللېل ئارزۇ تولدۇرۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بار

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشىمۇ كۈن تەرتىپكە كىرگەن. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش تۈركۈمى، پاراللېل ئارزۇ تولدۇرۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دىققەت قىلىشى كېرەك.

بۇ يىلدىن باشلاپ، نىڭشيا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنى تەڭشىگەن بولۇپ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىش بىلەن ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىشنى بىرلەشتۈرگەن. تەڭشەلگەندىن كېيىن، نىڭشيادىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى تۈردىكى ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى بەش تۈركۈمگە بۆلۈنگەن، يەنى ئالدىن تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرس، بىرىنچى تۈركۈم تولۇق كۇرس، ئىككىنچى تۈركۈم تولۇق كۇرس، ئالدىن تۈركۈمدىكى ئالىي كەسپىي (كەسپىي) مەكتەپ ۋە ئالىي كەسپىي (كەسپىي) مەكتەپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر رايون يەنە ئىككىنچى تۈركۈم تولۇق كۇرسقا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش سانى ۋە ئارزۇ توپلاش قېتىم سانىنى يۇقىرىلىتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئېھتىياجىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە قانائەتلەندۈرگەن.

بېيجىڭ شەھىرىمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈمى جەھەتتە تەڭشەش ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈم، ئىككىنچى تۈركۈمنى بىرلەشتۈرۈپ تولۇق كۇرس ئادەتتىكى تۈركۈم قىلغان بولۇپ، ئارزۇ تولدۇرىدىغان جەمئىي 16 پاراللېل ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلغان، ھەربىر ئالىي مەكتەپتە ئالتە ئارزۇ تولدۇرۇش كەسپى تەسىس قىلغان؛ ئۇنىڭدىن سىرت، سەنئەت تۈرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا باسقۇچلار بويىچە قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلغان.

سىچۇەن ئۆلكىسىدە تولۇق كۇرس بويىچە پاراللېل ئارزۇ تولدۇرۇش ئالتىدىن توققۇزغا كۆپەيتىلگەن. كونكىرېت قارىغاندا، بۇ يىل مەزكۇر ئۆلكىنىڭ تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈم، تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈم، مەخسۇس كۇرس تۈركۈمى، نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار سىنىپى ۋە ئالىي كەسپىي سىنىپلارنىڭ ھەممىسىدە پاراللېل بولغان توققۇز بىرىنچى ئارزۇ تەسىس قىلىنغان، تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈم، تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈم، مەخسۇس كۇرس تۈركۈمىنىڭ ھەممىسىدە پاراللىل بولغان ئالتە تەييارلىق كۇرس ئارزۇ تەسىس قىلىنغان. ھەر بىر مەكتەپنىڭ ئارزۇسىدا ئالتە كەسپىي ئارزۇ ۋە كەسىپ تەڭشەش ئارزۇسى تەسىس قىلغان.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئالدامچىلىقلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ!

ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى جىددىيلىشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بۇمۇ ھەر خىل ئالدامچىلىقلارنىڭ كۆپ يۈز بېرىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا، مائارىپ تارماقلىرى ۋە تور ئۇچۇر تارمىقى، ج خ ئورۇنلىرى ئۆتكەن يىللاردا كۆپ يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك ئالدامچىلىقلارنى رەتلەپ چىقىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى پىتنە-ئىغۋالارنى ئېنىق ئايرىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتكەن.

بىرىنچى ئالدامچىلىق، ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئالدىن تەكشۈرۈش

بۇ خىل ئالدامچىلىقتا، ئالدامچىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ساقلاپ تۇرالماسلىقتەك سەۋرسىزلىنىش ھالىتىدىن پايدىلىنىپ دېلو سادىر قىلىدۇ، باھاسىمۇ يۇقىرى بولمىغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىنىپ كېتىدۇ. كونكىرېت ئالدامچىلىق ئۇسۇلى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالدامچىلار ساختا ئاساسىي پونكېت ئارقىلىق توپ ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرەلەيدىغانلىقىنى دەيدۇ ھەمدە بىر تور ئادرېسى ئۇلانمىسىنى قوشۇپ قويىدۇ. ئىمتىھان بەرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، بۇ تور ئۇلانمىسىنى تاقەتسىزلىك بىلەن ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يانغونغا تور بانكىسىنى ئوغرىلايدىغان ياغاچ ئات ۋېرۇسى يۇمشاق دېتالى كىرگۈزىۋېتىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا، ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، نومۇر سۈرۈشتۈرگەندە مائارىپ تارماقلىرى بەلگىلىگەن نومۇر سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى ۋە نومۇر سۈرۈشتۈرۈش تور بېتىنى ئېنىق بىلىشى، يانفونغا كەلگەن ئۇچۇردىكى نامەلۇم ئۇلانمىلارنى ئاسانلىقچە ئاچماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئېچىپ سالسا، يانفوندىكى چىقىمدان قاتارلىق تېز سۈرئەتتە ھەق تۆلەش قوراللىرىنى يۇيىۋېتىپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھەمدە يانفون ئالاقە خاتىرىسى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى كۆچۈرىۋالغاندىن كېيىن، يانفوننى قايتىدىن تەڭشەش ياكى زاۋۇتتىن چىققان ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياكى كەسپىي تېخنىك خادىملىرىغا ۋېرۇسنى چىقارغۇزىۋېتىش كېرەك.

ئىككىنچى ئالدامچىلىق، بۈيۈك مەلۇمات بىلەن ئارزۇ تولدۇرۇپ، يۇقىرى باھادا مەسلىھەت سوراش ھەققى ئېلىش

ھەر يىلى ئارزۇ تولدۇرۇش مەزگىلىدىن بۇرۇن، بىر قىسىم ۋاسىتىلەر ياكى تور بەتلەر ئۆزىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى دەيدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ئاپپارات ياكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن. ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قاتارلىق سانلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايدۇ، ئارزۇ تىزىملىتىشتىن بۇرۇن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئارزۇ تولدۇرۇشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ سودىگەرلەرنىڭ دېگەن ئاتالمىش «ئىچكى قىسىمدىكى بۈيۈك مەلۇمات» دېگىنى پۈتۈنلەي ئىغۋا بولۇپ، پەقەت سېتىش شوئارى خالاس، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس، يەنە كېلىپ ئارزۇ تولدۇرۇشتا يەنە بىر قىسىم ئېنىقسىز ئامىللار، مەسىلەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا ئۆزىنى جارى قىلدۇرۇشى نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىش، باشقا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇ تىزىملىتىش ئەھۋاللىرى دېگەندەك ئامىللار مەۋجۇت. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار، بۇ ئارزۇ تولدۇرۇش APP، ئېلانلىرىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئۈچىنچى ئالدامچىلىق، پۇل خەجلىسە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ

ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار تونۇشلار ياكى تور بەتلەر ئارقىلىق، «خاككېر»لىقتىن پايدىلىنىپ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سىستېمىسىغا كىرەلەيدىغان دانىشمەنلەر بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى، يۇقىرى باھادا «مۇلازىمەت ھەققى» بەرسىلا، ئوقۇغۇچىلار قانائەتلىنىدىغان نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق. خاككېرلارنىڭ سىستېمىغا كىرىپ نومۇر ئۆزگەرتىشىمۇ تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاقمايدىغان ئىش. چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلمايدۇ، بەلكى ئىچكى تور ئارقىلىق تەكشۈرۈلىدۇ، سىرتقى قىسىمدىكى خاككېرلارنىڭ كىرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئەمەس.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئەسلىدىكى سانلىق ئۇچۇرلار ئارخىپ قىلىپ ساقلىنىدۇ ۋە باشقا جايدا كۆچۈرۈپ ساقلىنىدۇ، توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى توردىكى ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىپ ماسلاشتۇرىدۇ، تور بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن قاتتىق بولغان خاككېرلارنىڭ ۋېرۇسلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش سىستېمىسى قاچىلانغان.

تۆتىنچى ئالدامچىلىق، نومۇر يەتمىسە، پۇل خەجلىسىلا «تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ»، ئىچكى سان بار قاتارلىقلار

ئىمتىھان نەتىجىسى تۆۋەن بولغان قىسمەن ئوقۇغۇچىلار، قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ يوق بولۇش ياكى يەنە بىر يىل قايتا ئوقۇشتەك ئوڭايسىز ئەھۋاللارغا ئۇچرايدۇ، «تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ» دېگەن بۇ ئالدامچىلىق، كۆپىنچە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ.

ئالدامچىلار ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يالغاندىن مەلۇم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنىڭ توشمىغانلىقىنى ياكى ئىچكى سان بارلىقىنى، پۇل خەجلىسىلا ئۇلارغا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش سانىنى ئېلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ، يەنە ئىمتىھاندىن بۇرۇنلا، ئاتا-ئانىلارغا سان ئېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالدايدىغانلارمۇ بار.

ساقچىلار ئەسكەرتىدۇكى: ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش سىستېمىسىدا، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بولغان قاتتىق دەلىللەش سىفىرلاشتۇرۇش سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمى بار. ئاتالمىش «ئىچكى قىسىمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش»، «ئالاھىدە سان» قاتارلىقلار ئاساسىي جەھەتتىن مەۋجۇت ئەمەس. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇچۇرلىرىنى مۇنتىزىم يوللاردىن چۈشىنىپ مۇقىملاشتۇرۇشى، ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇشى، نەدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشلىرىنى تەپسىلي پەرقلەندۈرۈشى، ئالدىنىپ قالماسلىقى كېرەك. كاپالەت پۇلى، قوبۇل قىلىش ھەققى، كۆرسەتكۈچ ھەققى ئالغانلىكى «ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش سانى»غا بىردەك ئىشىنىشكە بولمايدۇ.

بەشىنچى ئالدامچىلىق، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ساختا ياساش

ئالدامچىلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن ئوقۇش خىراجەتلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن بانكا ھېسابات نومۇرىغا ئۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، پۇللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار باشقىلارنىڭ ئاۋۋال پۇل سالسا، ئاندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم ھوشيار بولۇشى كېرەك، ئۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرلىرىنى يەرلىك ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. يەنە ئارزۇ تولدۇرغان مەكتەپتىن قوبۇل قىلىنىش ئەھۋاللىرىنى، ھەمدە پۇل سالىدىغان ھېسابات نومۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

ئالتىنچى ئالدامچىلىق، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشقا ياردەملىشىش

يەنە بىر قىسىم ئالدامچىلار بىر قىسىم ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولۇشى سەۋەبىدىن، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئارقىلىق تاپشۇرۇشىدەك ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتچىسى، مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىپ ياكى قولىدا تۈرنىڭ بارلىقىنى، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاتا-ئانىلاردىن ئاۋۋال تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار بۇنى راست دەپ قېلىپ، قارشى تەرەپكە پۇل سېلىپ بېرىدۇ، كېيىن بۇنداق ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بايقايدۇ.

ساقچىلار ئەسكەرتىدۇكى، ئۆزىنى ئالىي مەكتەپ، مائارىپ، مالىيە ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ، «دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى»، «مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەققىنى قايتۇرۇش»، «ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پۇلى»نى تارقىتىمىز دېگەن تېلېفون، ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى ياكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ دەلىللىشى كېرەك.

1124596108_1559945940068_title0h.jpg
123123.jpg