ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېينى قامال قىلىشىغا قارىتا، پۇتىن مۇنداق دېدى
0
2019-06-10 16:31:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، «يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا قارىتا، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھە دېسىلا بىر تەرەپلىمىلىك جازالاش ۋە ئۇزۇن يەلكىلىك باشقۇرۇش تەۋەلىكى قاتارلىق ئورۇنسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بېسىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن، ھەمدە خۇاۋېينى ئالاھىدە مىسال قىلىپ تىلغا ئالغان. بۇندىن ئىلگىرى، خۇاۋېي رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارىتى شىركىتى بىلەن 5G ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە تارتقان.

شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، 23-نۆۋەتلىك سانكت پېتېربۇرگ ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشش جەريانىدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتىدە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يۈزلىنىش كۆرۈلىۋاتىدۇ، قىسمەن غەرب دۆلەتلىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا قارىتا سودا ئۇرۇشى قوزغاش، پۇل-مۇئامىلە زومىگەرلىكىنى يۈزگۈزۈش، ھە دېسىلا بىر تەرەپلىمىلىك جازالاش ۋە ئۇزۇن يەلكىلىك باشقۇرۇش تەۋەلىكى قاتارلىق بىنورمال ۋاسىتلەر ئارقىلىق بېسىۋاتىدۇ. پۇتىن يەنە ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېينى قامال قىلغىنىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ تا ھازىرغىچە، پۇتىننىڭ ئامېرىكا قوزغىغان سودا ئۇرۇشى، تېخنىكا ئۇرۇشى مەسىلىسىگە قارىتا بىلدۈرگەن ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى بولدى.

بۇندىن ئىككى كۈن بۇرۇن، خۇاۋېي رۇسىيەدىكى بىرىنچى چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان MTS بىلەن 5G ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. MTS نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئالكسېي كورنىئو بىر پارچە باياناتتا مۇنداق دېگەن: «خۇاۋېي بىلەن تۈزۈلگەن ھەمكارلىق كېلىشىمى، ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە رۇسىيەنى تاۋارلاشقان 5G تورى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە رۇسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.»

1124596108_1559945940068_title0h.jpg
123123.jpg
U020190608467473167205.jpg