شى جىنپىڭ سانكىت-پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىدە سۆز قىلدى
0
2019-06-08 13:05:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭ 23-نۆۋەتلىك سانكىت-پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن 23-نۆۋەتلىك سانكىت-پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سانكىت-پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى 1997-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تەسىر كۈچى كۈنسايىن كۈچىيىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىق ئۈستىدە تەڭ ئىزدىنىشىدىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە، «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىندى، بۇ-نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلىرىغا ئۇيغۇن بولۇپ، مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدا بىر ئۇچرىمايدىغان زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەت ئالدىدا، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش-ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ توغرا تاللىشى. دۇنياغا نەزەر سالساق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات-ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتنى ماسلاشتۇرۇش نۇقتىسى ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدا، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، بۈگۈنكى ئىنسانلار بىلەن ئەۋلادلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئىستىقبال كۆرسىتىپ بېرىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل-يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھەققىدىكى ۋەدىسىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي ئادا قىلىپ، دۇنيا ئەھلى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى- نىشان، پىرىنسىپ، يولغا قويۇش يولى جەھەتتە يۈكسەك ماس كەلگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل 4-ئايدا، 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ھەر قايسى تەرەپلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە-جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ قوشنىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكى شۇنداقلا ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ئالدىنقى ھەمكارلىق شېرىكى. ئىككى تەرەپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي گاز قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەلەر جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، تور ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ھەمكارلىقنىىڭ يېڭى ئاشۇرۇش نۇقتىسى قىلىپ، بايلىقتىن ساھە ھالقىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداش، ساھە ھالقىغان تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇش جەھەتتە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى تۇتاشتۇرۇش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن تەشەببۇس قىلغان «چوڭ ياۋروپا-ئاسىيا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» ئىدىيەسى ئوخشاش. مەن بۇنىڭ رايون ئىقتىسادىنى يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات-ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى بولۇپ، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەلىپىگە ماس كېلىدۇ. جۇڭگولۇقلاردا «ئۇلۇغۋار ئىرادە بولسىلا، ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگو داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، يىپيېڭى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى بىرلىكتە ئېچىشنى خالايدۇ.

بىرىنچى، بىز تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھىرلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، كۆپ مەنبەلىك دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى ھازىرلايدۇ. بىز ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايمىز؛ بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى تەڭكەش ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر ھەمكارلىق ياردىمى فوندى، جۇڭگو-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى قاتارلىقلارنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن 5G تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يېڭى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى بىرلىكتە يېتىشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئەندىزىسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان سىغدۇرۇشچان بەختلىك جەمئىيەتنى تېرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ يىل، جۇڭگو نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق قىلىپ، 2020-يىلغىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. يېڭىدىن 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بىزمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن نامراتلىقنى ئازايتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى خالايمىز.

ئۈچىنچى، بىز يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل ماكاننى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بىز يېشىل تاغ سۈزۈك سۇ قىممەتلىك بايلىق دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، مۈنبەت تۇپراقنى قوغداش جېڭىدا قەتئىي غەلبە قىلىمىز. بىز تاشقى ھەمكارلىقتا مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىكىلوگيەلىك مەدەنىيلىككە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى «پارىژ كېلىشىمى» قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋردىكى باش تېما، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق زىچ باغلىنىپ بولۇپ باقمىغان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ باقمىغان، تىنچىلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى توسىۋالغىلى بولمايدۇ. شى جىنپىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەتۈر يەر شارىلاشتۇرۇش ۋە زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرسلارمۇ كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم تارىختىكى ئاچا يولدا تۇرماقتا. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نۆۋەتتىكى دۇنياۋى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ«ئالتۇن ئاچقۇچى»، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش نىشانى بىلەن يېقىن، ئىدىيەسى بىلەن ئوخشاش، ھەممىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىپ، پۈتۈن دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر شارى كەنتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچىلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

未标题-1.jpg
1124589402_15597881223401n.jpg
640.jpg