شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى
0
2019-06-06 18:13:00
|
مەنبەسى:
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەد

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە موسكۋا چوڭ تىياتىرخانىسىدا جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.

تۈن پەردىسى ئاستىدا موسكۋا شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان چوڭ تىياتىرخانا رەڭگاڭ رەڭ چىراغلاردا چاقناپ، قويۇق شاد - خۇراملىققا چۆمگەنىدى.

شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى.

پۇتىن ئالدى بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنى قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو زىچ ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا ۋە رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئىنسانلار دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىس، يېڭى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو دۇنيانىڭ كۆپقۇتۇپلىشىشىنى ئورتاق قوللاپ، خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا يېڭى تەرتىپنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭ بۈگۈن بىرلىكتە بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ ۋە ئېلان قىلىپ، رۇسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇلۇغۋار نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدۇق. روسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە «قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە بىر تارىخىي پەيتىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدۇق. بىز ئىنتايىن جاپالىق ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەلىرى ۋە خەلقىنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئىسسىق قېنى بىلەن مۇستەھكەم جەڭگىۋار دوستلۇقنى بەرپا قىلغانلىقىنى ئۇنتمايمىز. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈننىڭ ئەتىسىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئېتىراپ قىلدى ۋە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش جەريانىدا، نۇرغۇن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان - تەرى بەدىلىگە يېڭى جۇڭگونىڭ سانائەتلىشىشكە ئاساس سېلىشىغا ياردەم بەردى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىغا دائىر تەسىرلىك ھىكايىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بېرىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 70 يىللىق بوران ـ چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن كېيىن، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، مۇقىم، مۇستەھكەم بولدى. زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككىمىز جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ـ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى دەۋرنى ئورتاق ئېچىشنى جاكارلىدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاساس قىلىپ، ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك تايىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. مەنپەئەت يۇغۇرمىسىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەت رىشتىسىنى چىڭىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسى، ھەر قايسى جايلىرىنىڭ ئالاقىسى، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئورتاق يەتكۈزۈش كېرەك. تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيانىڭ كۆپقۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، مۇقىم، ئادىل، ھەققانىي دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 70 يىللىق تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مەيلى ئۆتمۈش، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇقىم ياخشى قوشنىلار، ئايرىلماس ھەقىقى شېرىكلەر. بىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!

پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆزىنى قىزغىن ئالقىشلىدى.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ رۇسىيە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى باش تېمىلىق پائالىيىتىنىڭ قىسقا ۋىدىيوسىنى كۆردى ھەمدە جۇڭگو ـ رۇسىيە سەنئەتكارلىرى بىرلىكتە ئورۇنلىغان ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

ئويۇن روسىيە خەلق ناخشىسى«كەڭ كوچىنى بويلاپ» ناملىق نومۇردىن باشلاندى. «تەبرىكلەش مۇقەددىمىسى»دە جۇڭگونىڭ مىللىي ئوركېستىر مۇزىكىسى ئارقىلىق خۇشاللىق، قۇتلۇق بايرام كۆرۈنۈشى نامايان قىلدى. جۇڭگو - رۇسىيە سەنئەتكارلىرى جۇڭگو مۇزىكىسى «يەسىمەن گۈلى» ۋە رۇسىيە مۇزىكىسى « قىزىل بۆلجۈرگەن گۈلى ئېچىلدى »نى بىرلىكتە ئورۇنلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مەدھىيلىدى. «شەرقنىڭ بەخت تىلىكى» ناملىق نومۇردا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە مۇزىكا كۆرۈنۈشى ھاسىل قىلىندى. ئويۇن روسىيە مىللىي مۇزىكىسى « كالىنكا» بىلەن ئاخىرلاشتى.

جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 1600 كىشى قاتناشتى.

خاتىرىلەش يىغىنىدىن بۇرۇن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى رەسىملەر كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

未标题-1.jpg
1124589402_15597881223401n.jpg
شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى
640.jpg