جۇڭگو «جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى توغرىسىدا» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى
0
2019-06-04 15:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2- ئىيۇن «جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى توغرىسىدا» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىگە قاراتقان سىياسەت مەيدانىنى شەرھلەش مەقسەت قىلىنغان.

بۇ بۇلتۇر 9- ئايدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى توغرىسىدىكى پاكىت ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 8300 خەتلىك بولۇپ، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە سۆزىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جەمئىي ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنى قوزغىشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ؛ ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدە ئۆز گېپىگە ئۆزى ئىگە بولماي، سەمىمىيەتكە ئەھمىيەت بەرمىدى؛ جۇڭگو باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە سەمىمىي كېڭىشىش مەيدانىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى بولسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «كايۇتا تېشى» ۋە «ئىتتىرگۈچى» كۈچى بولۇپ، ئۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2017- يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشتەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنى قوزغىدى. 2018 ـ يىلى 3ـ ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا قوزغىغان جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىقتىساد ـ سودا سۈركىلىشىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو تەرەپ تالاش-تارتىشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشتەك ئاساسىي مەيدانىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن كۆپ قېتىملىق ئىقتىساد-سودا كېڭىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇردى.

جۇڭگو «جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى توغرىسىدا» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg
111111111111.jpg