ھەسەن-ھۈسەن يولىدىكى رەڭدار بالىلار بايرىمى
0
2019-06-04 15:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 

5-ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، « 2019-يىللىق ھەسەن - ھۈسەن يولى گۈيجۇ جامائەت پاراۋانلىقى زىيارەت پائالىيىتى» گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىملىق «ھەسەن - ھۈسەن يولى» پائالىيتىگە بېيجىڭ، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن رەسسام ۋە مۇخبىرلاردىن 30 نەچچە كىشى قاتناشتى.


چيەندۇڭنەن ئوبلاستىنىڭ تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان، دەريا-ئېقىنلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن، تاغۇ - دەريالىرى ياپيېشىلچىلىق بىلەن تولغان بولۇپ قويۇق مىللىي پۇراق ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ھەسەن - ھۈسەن يولى فوندى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپ ۋەكىللىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكە، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن سەنئەتكارلىرى « 1- ئىيۇن » بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا تاغ – دەريالارنى كېزىپ، لېيشەن ناھىيەسى ۋاڭفېڭ باشلانغۇچ مەكتىپى، دەنجەي ناھىيەسى چاڭچىڭ 2-باشلانغۇچ مەكتىپى، سۇڭجياڭ ناھىيەسى گۇپىڭ يېزىسى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى، سۇڭجياڭ ناھىيەسى بىڭمېي بازىرى دادۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى بالىلارغا گۈزەل سەنئەت دەرسى ئۆتۈپ بەردى ھەم بالىلارغا رەسىم سىزىش بىلىملىرىنى ئۆگېتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.


ھەسەن - ھۈسەن يولى زىيارەتچىلىرى زىيارەت داۋامىدا لېيشەن ناھىيەسىنىڭ لاڭدې تاغلىق كەنتى، سۇڭجاي ناھىيەسىنىڭ جەنلى دۇڭجەينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە شۇ جاينىڭ يەرلىك مەنزىرىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تاماملىدى ۋە شۇ جاينىڭ رەڭدار مىللىي مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر چۆكتى.

ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى يېزا ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2013-يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە مىللەتلەر پروگرامما مەركىزى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تاشقى ئالاقە جەمئىيىتى، جۇڭگو ياش - ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ۋە ئاۋمېن گۈزەل-سەنئەت جەمئىيىتى بىرلىكتە «ھەسەن - ھۈسەن يولى مىللىي ياشلار-ئۆسمۈرلەر سەنئەت مائارىپى جامائەت پاراۋانلىقى سەپىرى»نى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە جۇڭگو ياشلار فوندى جەمئىيىتىدە «ھەسەن - ھۈسەن يولى مىللىي ياش-ئۆسمۈرلەر سەنئەت مائارىپى جامائەت پاراۋانلىقى فوندى»نى تەسىس قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى يېزا مەكتەپلىرىگە «ھەسەن-ھۈسەن يولى ئۈمىد قۇرۇلۇشى شادلىق گۈزەل-سەنئەت سىنىپى» ۋە « ھەسەن-ھۈسەن يولى شادلىق مۇزىكا سىنىپى» ئىنانە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ھەسەن - ھۈسەن يولى» يەنە جامائەت پاراۋانلىقى ھۆسنخەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، جامائەت پاراۋانلىقى زىيارىتىنى تەشكىللەپ ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، بۇ فوند جەمئىيەتتىن 5 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلاپ، 184 يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىگە «ھەسەن - ھۈسەن يولى شادلىق گۈزەل سەنئەت سىنىپى» ۋە «ھەسەن - ھۈسەن يولى شادلىق مۇزىكا سىنىپى» قۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقى زىيارەت پائالىيىتىنى ئالتە قېتىم تەشكىللىدى.

ھەر بىر مەكتەپكە كەلگەندە سەنئەتكارلار شۇ جاينىڭ مىللىي ئامىلىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئىلھامى ۋە تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتتى، بالىلارغا سىياھ، موم قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى مول، قىزىقارلىق گۈزەل سەنئەت دەرسى تەييارلىدى شۇنداقلا بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساددا ئوي-خىيالىنى سىزىپ چىققۇزدى.

سەنئەتكارلارنىڭ ئازادە، شوخ دەرسخانا كەيپىياتىدا، ساۋاقداشلار ئاستا-ئاستا دادىللىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ئورتاقلاشتى ھەم كۆپچىلىك ناھايىتى تېزلا يېقىنلىشىپ كەتتى. ھەر بىر بالا ئۆزىنىڭ ئەڭ ساپ بالىلىق قەلبى بىلەن قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل رەسىمنى سىزىپ چىقتى. ئوقۇتۇش جەريانىدا سەنئەتكارلار سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى، ئوقۇغۇچىلارمۇ سەنئەتكارلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىغا ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ، سىنىپ خۇشال كەيپىياتقا تولدى.

ئاۋمېن ياشلار گۈزەل سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى خو كەيشېڭ سەنئەتكارلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: « دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن بىز ئادەتتىكى دەرسلەرگە ئوخشىمايدىغان ھالقىلارنى لايىھەلەيمىز ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۆزئارا پىكىرلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، رىتىمى بىر قەدەر ئازادە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە شۇ جاينىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارغا ئەڭ تونۇش بولغان بەزى شەيئىلەرنى سىزىپ چىقىشقا يىتەكلەيمىز. مەقسىتىمىز بالىلارنىڭ بىراقلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشى ئەمەس، بەلكى ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا ئۇلارغا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ گۈزەل سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش.

مىڭ چاقىرىملىق سەپەرنىڭ ھەممىسى بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ. ئۇلۇغۋار ئىرادە ۋە گۈزەل غايە پەقەت ھەرىكەت ئارقىلىقلا رېئاللىققا ئايلىنالايدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى، ئۈمىد قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ھارپىسىدا، «ھەسەن - ھۈسەن يولى» يەنە بىر قېتىم يولغا چىقتى، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە ئىچكىرىدىكى سەنئەتكارلار بىرلىكتە يولغا چىقىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بالىلارغا يول بويى رەڭدارلىق ۋە گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ ماڭدى. ئۆسمۈر-بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۈمىدى. « ھەسەن - ھۈسەن يولى » ماددىي جەھەتتىلا ئەمەس ، ئۇ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇھەببەت كەيپىياتى تارقىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بالىلارنى سەنئەت تەربىيىسىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى، بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن سەنئەتكارلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇشى ئارقىسىدا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان بەدىئىي تەسىراتقا ئىگە بولدى. بۇ خىل ئۇسۇل ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان دۇنيانىڭ تەسىراتلىرىنى ئېلىپ كەلدى.

بالىلىق دەۋر رەڭگارەڭ بولىدۇ، ئۇ ئەسلىمىلەرنى رەڭگارەڭ قىلىدۇ. ھەسەن-ھۈسەن يولى بۇ رەڭدار گۈزەللىكنى قېزىش يولىدا بارغانسېرى تېرىشىدۇ!

ھەسەن-ھۈسەن يولىدىكى رەڭدار بالىلار بايرىمى
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg
111111111111.jpg