شى جىنپىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلدى
0
2019-06-01 11:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

شى جىنپىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلدى

«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيە خىزمىتى يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقنىڭ بەختى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، مەردانە كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتا ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتەك باش تەلەپنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەڭ كۆرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ نەزەرىيە ئۆگىنىشتە نەتىجە ھاسىل قىلىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىينى كۈچەيتىپ، ئىش قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، خەلقكە مۇلازىمەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۇرس، پاك بولۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش كونكرېت نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەدە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جىڭلار يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ناھىيە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ 70-يىلى، بۇ پەتتە بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ناھايىتى دەل ۋاقتىدا بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش يېڭى دەۋىردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى؛ يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى؛ پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى؛ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتا ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە پارتىيەنى كۈچلەندۈرۈشتە، ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، قوللىنىشنى ئۇلاشتۇرۇش، بىلىش، سۆز، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىشى، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىشى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاپ، روھى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋرىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىگە يۈزلىنىپ، سۆڭەكنى قىرىپ داۋالاشتەك قەيسەرلىك، ئىگىلمەس-سۇنماي غەيرەت بىلەن قەتئىي تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان مەسىلىلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ تۈپ باش مەقسىتىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە داۋاملىق تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەر، ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىدىيەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكەتكە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپىي ئاساس ۋە ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنقىلاب ئەنئەنىسى ۋە ياخشى ئىستىلنى نۇرلاندۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، خەلقنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا پىلانلانغان ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇ-قەدەم گۈزەل رېئاللىقا ئايلاندۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان ۋەزىپىسى، ئۇسۇل، قەدەم-باسقۇچىلىرى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆز رايونى تارمىقى، ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشانغا توغرىلىنىپ، پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزلەنگەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئومۇمىي تەلىپى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇشتا، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ باش مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي غايە-ئېتىقادى بىلەن ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئەستە چىڭ ساقلاش بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، پارتىيىمىزنىڭ خەلقتىن كەلگەنلىكى، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك، مەڭگۈ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا، ئاممىغا سەل قاراشقا، ئاممىنىڭ غەم-قايغۇسىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشتا، پارتىيە ئۈستىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن رولنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش روھىنى ساقلاپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ، ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادە ۋە شەخسىيەتسىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا-مۇشەققەت، توسالغۇلارنى يېڭىش كېرەك. پەرقلەرنى تېپىپ چىقىشتا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى بويىچە، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئۈمىدىگە ئاساسەن، ئىلغار تىپلار، ئەتراپىمىزدىكى ئۈلگىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ نىشانلىق تۈزەش كېرەك. چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەسلى مەقسەت، بۇرچنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. «ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق ئومۇمىي گەۋدە، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، بۇنى باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەزەرىيە ئۆگىنىشتە نەتىجە ھاسىل قىلىشتا مۇھىمى پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسلىدىكى ئۆگىنىش ئاساسىدا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسەت-فاڭجىنلىرىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئىدىيەۋى سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىشتا مۇھىمى پارتىيەلىك كادىرلارنى ماركسىزملىق ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنگە ۋارسلىق قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىرى پارتىيەگە، خەلققە، ماركسىزمغا سادىق بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتە دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا مۇھىمى پارتىيەلىك كادىرلارنى كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن پەيتنى قولدىن بەرمەي، كۈچلۈك جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىش قىياپىتى ۋە قانچە جاپا-مۇشەققەتلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش كۈرەش روھى، مىخلاش روھى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىمى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق بىلەن تەڭ ئويلاپ، تەڭ ئىشلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى، غەم-ئەندىشىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتەك ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. دۇروس، پاك بولۇپ ئۈلگە بولۇشتا مۇھىمى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل، پاك دىيانەتلىك بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىلىرى بىلەن ئاڭلىق ھالدا كۈرەش قىلىپ، چىرىكلىكنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، پاك-دىيانەتلىك ئەمەلدار بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسى، ئىلغار تىپلار تەربىيەسى ۋە ئىبارەت تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى ئىدىيەۋى يىلتىز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر چىقىرىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارغا ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، قايتا ئويلىنىپ، مەسىلىلەرنى ئەمەلىي تېپىپ، يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ھەل قىلىشقا تەربىيەلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئۆزگەرتىش» دېگەن سۆزنى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈش، دەرھال ئۆزگەرتىش، بىلگەن ھامان ئۆزگەرتىش، ھازىر ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىرىنىڭ ئېنىق ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش كېرەك. ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەسلىك، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، باسقۇچلۇق نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈزىتىش كېرەك. ھەر قايسى رايونلار، تارماقلار، ئورۇنلار تۈزىتىشكە تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركەزلىك تۈزىتىشى كېرەك. مەخسۇس تۈزەش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىغا مەلۇم قىلىپ، مەركەزلىك تۈزەشتە بايقالغان ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئاساسلىق رەھبىرى يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇل ساھەگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاۋۋال ئۆزگەرتىپ، پۇختىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەھبەرلىك، يېتەكچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئۈستىگە ئېلىپ، قاراشلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىپ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار ۋە كەسىپ سىستېمىسىغا مەسئۇل تارماقلار پارتىيە گۇرۇپپىسى (پارتكوم)لىرى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ. ئىجابىي تىپلارنى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشەنچلىك، ئۆگىنىشكە بولىدىغان ئىلغار شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىپ، بىر تۈركۈم تەقلىد قىلغىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان ياخشى تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىش كېرەك. سەلبىي تىپلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دېلو مىسالى ئارقىلىق قانۇن-ئىنتىزامنى چۈشەندۈرۈپ، تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان، ئىشلىنىۋاتقان ئىشلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ چىققان قىزغىنلىقىنى قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. باش تېمىلىق تەربىيەدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ نىشانى، تەلىپى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەندى، باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشقا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ قوللانمىسى، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كوممىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»باش تېمىلىق تەربىيەگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، قىسمەن دۆلەت ئىلىكىدىكى مۇھىم تايانچ كارخانىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەگە مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيەلىك-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

123123.jpg
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg