«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسلىي مەقسەت توغرىسىدا ئېيتقانلىرى»
0
2019-05-31 16:53:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى باشلىنىش ئالدىدا، بىز «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسلىي مەقسەت توغرىسىدا ئېيتقانلىرى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەرنى ئالاھىدە تەييارلىدۇق، بۇ ئارقىلىق سىزنى جۇڭگو كوممونىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى بىرلىكتە ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەيمىز.

1921-يىلى جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىدە جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى بېكىتكەن ھەمدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز پارتىيە قۇرۇلغان چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى، خەلققە بولغان ساداقىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا ماڭساقمۇ، ھەر قانچە پارلاق كەلگۈسىنى ياراتساقمۇ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. كەلگۈسىگە، خىرىسقا يۈزلەنگەندە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم خەلق بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈ كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ داۋاملىق باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش پارتىيەنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى. كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. شۇنىڭ ئۈچۈن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بېيجىڭدىن شاڭخەي ۋە جېجياڭنىڭ جياشىڭغا مەخسۇس بېرىپ، شاڭخەيدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى ۋە جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇش تارىخىنى ئەسلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قەتئىي سىياسىي ئېتىقادىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك. ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتمىغاندىلا تارىخقا، ئەجدادلارغا تەسەللىي بەرگىلى بولىدۇ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىپ، دەۋىرنى قولغا كەلتۈرگىلى، ئىشنى ماھىرلىق بىلەن قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى پىلانلاندى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى باشلاپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى؛ كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەستا چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى چىڭىتىپ، پارلاق كەلگۈسى ۋە ئالىي غايىگە قاراپ قەدەممۇ-قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىشى؛ كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق ئىستىلىنى باشتىن ئاخىرى ساقلاپ، جاپادىن، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، «ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى»، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرەش قىلىشى كېرەك.

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى يىغىن ئېچىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىدا خىزمەت تەكشۈردى. شى جىنپىڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇنۇتساق بولمايدۇ، ئىنقىلاب غايىسى ۋە ئىنقىلابنىڭ مەقسىتىنى ئۇنۇتساق بولمايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىنىغا ھازىر 70 يىل بولدى، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. مەن بۇ يەرگە كېلىپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شۇنى بىلدۈرمەكچى، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماسلىقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماسلىقى، ئىنقىلابنىڭ باش مەقسىتى، ئىنقىلاب غايىسىنى ئۇنۇتماسلىقى، ئىنقىلابىي ئەجدادلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇنۇتماسلىقى، يۇرتداشلارنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك.

«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستا چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە 6-ئايدىن باشلاپ رەسمىي قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى، «ئۈچتە راستچىل، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە ۋە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن كېيىنكى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلغان يەنە بىر مەيدان باش تېمىلىق تەربىيە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يول جاپالىق، ئۇزاق بولىسمۇ، بىز ئىزدىنىشنى توختاتساق بولمايدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇلانماسلىق، مەڭگۈ جاپلىق كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى ساقلاپ، مەردانى ئىسلاھ قىلىپ، مەردانى يېڭىلىق يارىتىپ، مەڭگۈ توختاپ قالماي، بۇ تارىخىي ئىمتىھاندا سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، تارىخقا، خەلقكە يېڭىدىن تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشىقا تىرىشىشى كېرەك.

U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg
333333333333.jpg