شى جىنپىڭ نىگېر زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2019-05-29 12:34:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نىگېر ياخشى دوست، ياخشى شېرىك، ياخشى قېرىنداش.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىز ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن نىگېر، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىپ كەلدىڭىز، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيمەن. زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن نېگىرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو نىگېر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن نىگېر بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشى، بىر-بىرىنى قوللىشى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن نىگېر بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە، خەلق تۇرمۇشى، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى ساھەلىردىكى مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو نىگېر تەرەپنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ساھىلدىكى بەش دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بىرلەشمە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو نىگېر تەرەپنى داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، نىگېر بىلەن مەدەنىيەت، ياشلار، ئاياللار، ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا، بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىقىدا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاندا چىڭ تۇرسىلا، بىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز.

ئىسسۇفوۇ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگونىڭ سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى نۇرغۇن ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نىگېر جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئۇزاققىچە كۈچ چىقارغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. نىگېر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىنى قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى نۆل يىغىندىلىق ئەمەس، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ. ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي، سەمىمىي ئىدىيە بويىچە راۋاجلاندۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ « سەككىز چوڭ ھەرىكىتى » گە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىق-خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. نىگېر بىر جۇڭگو سىياسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ئىسسۇفۇنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن ، ياڭ جيېچى، ساۋ جيەنمىڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، ليۇ شىنچېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

333333333333.jpg
شى جىنپىڭ نىگېر زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى
2222222222.jpg
W020190524412404811176.jpg