شى جىنپىڭ ۋانىئاتۇ زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-05-29 12:30:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-ۋانىئاتۇ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردىمكى، جۇڭگو بىلەن ۋانىئاتۇ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، بىزنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىمىز داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىمىز ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، جۇڭگو-ۋانىئاتۇ مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو ۋانىئاتۇ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو دۆلەتلەرنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز، باي-نامرات دەپ ئايرىماسلىق، ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى دەپ قاراش، چوڭ دۆلەت شوۋىنىزمىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو ۋانىئاتۇنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ۋانىئاتۇنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۆھبىتىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق پىلانىنى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو ۋانۇئاتۇ بىلەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋانىئاتۇنىڭ ئۇستۇنۇك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانلىرىنىڭ ۋانىئاتۇغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق ئىلھام بېرىدۇ. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك . ئىككى دۆلەت كىشىلىرىنىڭ بېرىش - كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىكلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشى ۋە ھەقىقىي سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. بىز ئارال دۆلىتىدە شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيمىز، ئاتالمىش «تەسىر دائىرىسى»نى كۆزلىمەيمىز، مەڭگۈ ئارال دۆلىتىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئەرزىيدىغان ياخشى دوست، ياخشى شېرىكلەردىن بولىمىز.

سالۋاي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە دۇنياغا چوڭقۇر، ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى دېدى. سالۋاي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋانىئاتۇ جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ چوڭ-كىچىك، باي-نامرات، كۈچلۈك-ئاجىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا قايىل، جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ۋانىئاتۇنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن بەرگەن سەمىمىي ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ۋانىئاتۇ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. ۋانىئاتو جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى .

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋانىئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى.

333333333333.jpg
2222222222.jpg
شى جىنپىڭ ۋانىئاتۇ زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
W020190524412404811176.jpg