شى جىنپىڭ جۇڭگو چياۋمىنلىرى جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-05-29 11:58:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

شى جىنپىڭ 9-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى ۋە جۇڭخۇا چەتئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى 5-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، ۋاڭ ياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 9-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى ۋە جۇڭخۇا چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى 5-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئارىلاپ پاراڭلاشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭخۇا چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى 5-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا سۆز قىلدى. يىغىندا جۇڭخۇا چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى 4-نۆۋەتلىك كېڭىشى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق خىزمىتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، چەتئەل بىرلەشمە دوستلۇق كېڭىشى ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئەينەك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىلدى.

يىغىندا جۇڭخۇا چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى 4-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، «جۇڭخۇا چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو چەت ئەل ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار»، «جۇڭخۇا چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى نىزامنامىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى. يىغىندا يۇ چۈەن جۇڭخۇا چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى، 26 مۇئاۋىن باشلىقى ۋە 230 دائىمىي كېڭەش ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى.

9-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېچىلدى، 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى جۇڭگو چياۋمىنى، جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ 450 مەسئۇلى يىغىنغا قاتناشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ۋەن گاڭ، باتۇر ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو چياۋمىنلىرى جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
333333333333.jpg
2222222222.jpg
W020190524412404811176.jpg