شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈردى
0
2019-05-23 16:51:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈردى ھەم ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا رايون قەد كۆتۈرۈشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تېرىشىپ ئېچىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە جياڭشى ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈردى، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال، تەشەببۇسكار يۇغۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا رايون قەد كۆتۈرۈشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تېرىشىپ ئېچىش كېرەك.

باش ياز مەۋسۇمىدا، گەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى بۈك-باراقسان يېشىللىققا تولغان، گۈللەپ ياشىنىغان ئىدى. شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇچى، ئۆلكە باشلىقى يى ليەنخۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، گەنجۇ شەھىرىدىكى كارخانىلار، يېزىلار، ئىنقىلاب خاتىرە سارايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئەمەلىي ئىگىلىدى.

شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە ئايروپىلان بىلەن گەنجۇغا يېتىپ بېرىپ، ئالدى بىلەن جياڭشى جىنلى يوڭسى پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى ۋە گەنجۇنىڭ سىرەك يەر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئېلىمىزنىڭ سىرەك يەر بايلىقىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، ئېچىش تېخنىكىسى، قوللىنىش ئەھۋالى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا قوللانغان مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، قاچىلاشنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش لىنىيەسى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۆيدۈرۈش ئوچىقى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆردى، نەق مەيداندىكى ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىش، ئېكولوگىيەنى ئوڭشاشقا ئەھمىيەت بېرىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش-كارخانىنىڭ جان تومۇرى. مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى، كەسكىن رىقابەتتە غالب ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيە نېگىزىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. سىرەك يەر-مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىق شۇنداقلا تىرىلمەس بايلىق. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۈر مۇھىتىنى ئاسراشنى چىڭىتىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

يۈدۇ-مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر ئۈچۈن توپلانغان ھەم يولغا چىققان جايى. 1934-يىلى 10-ئايدا، مەركەز ئورگىنى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى بۇ يەردە يىغىلىپ يولغا چىقىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇزۇن سەپەرنى باشلىغان. شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن پويىزغا ئولتۇرۇپ يۈدۇغا بېرىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان ئورۇن بولغان ئەسلىدىكى يۈدۇ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىكى كېچىكنى كۆردى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىدا، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى قويدى ھەم ئۈچ تازىم قىلدى. ئۇ خاتىرە مۇنارىنى ئاستا ئايلىنىپ، مۇنارنىڭ تەگلىكىدىكى قاپارتما نەقىشلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئەينى يىللاردىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ سوۋېت رايونىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان ئاجايىپ مەزگىللىرىنى چوڭقۇر ئەسلىدى. شى جىنپىڭ خاتىرە سارىيىدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر ئۈچۈن يىغىلىش ۋە ئاتلىنىش تارىخىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ھەر بىر پارچە سۈرەت، ھەر بىر پارچە ئەمەلىي بۇيۇمنىڭ ئالدىغا بېرىپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، كۆپچىلىك بىلەن پات-پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەينى يىللاردىكى تارىخنى ئەسلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بىز قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، يېڭى جۇڭگونىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىنى چوقۇم ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، پارتىيەمىز بەرپا قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئەلا. ئارزۇ، غايە ئېتىقاد مەشئىلى يانغان ھامان مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. مەركىزىي سوۋېت رايونى ۋە ئۇزۇن سەپەردە پارتىيە بىلەن قىزىل ئارمىيە قەتئىي غايە ئېتىقادى ۋە قەيسەر ئىنقىلابىي ئىرادىسى بىلەن ھالاكەتلەر ئىچىدىن قايتا باش كۆتۈرۈپ، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇر بولۇپ، ئاخرى غەلىبە قىلىپ، ئىشەنگۈسىز مۆجىزە ياراتقان. بىز پارتىيەمىزنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئىنقىلابىي غايە ۋە ئىنقىلابىي باش مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئىنقىلاب بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى يېڭى ئۇزۇن سەپەردە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن خىلمۇ-خىل زور خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەنىلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەتئىي غايە ئېتىقادى ۋە قەيسەر ئىنقىلابىي ئىرادىسىگە تايىنىشىمىز كېرەك.

خاتىرە سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىدە، شى جىنپىڭ يۇدۇ ناھىيەسىدىكى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا جياڭشى خەلقى ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىقلارنى بېرىپ، غايەت زور تۆھپە قوشقان. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۈچۈن تۆھپە قوشقان پىشقەدەم قىزىل ئامىيە جەڭچىلىرى، پىشقەدەم يولداشلار ۋە قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولدى، ئۆتمۈشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ! ئىنقىلابىي ئەجدادلىرىمىزنى، ئىنقىلابىي قۇربانلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، يۇرتداشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن، تۇرمۇشىڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

خاتىرە سارىيىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!»، «باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز!» دەپ توۋلاشتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ھازىر بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدا مېڭىۋاتىمىز، بىز داۋاملىق ئالدىنقىلارغا ۋارسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ يەنە ئاتلىنىشىمىز كېرەك!

يۈدۇ ناھىيەسى ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، كۆكتات كەسىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. شى جىنپىڭ زىشەن مول سېلىنلىق كۆكتات كەسىپى باغچىسىغا كېلىپ، كۆكتات پارنىكىغا كىرىپ، يۇدۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكتات كەسىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئەمگەك قىلىۋاتقان يۇرتداشلار باش شۇجىغا: كەسىپ باغچا رايونىمىز «كوزىر كارخانا قوشۇلغان كوپىراتىپ قوشۇلغام دېھقان ئائىلىسى ۋە نامرات دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشتى، دېدى. شى جىنپىڭ بۇنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كومپارتىيە خەلق ئاممىسى ئۈچۈن بەخت يارىتىدۇ، پارتىيە مەركىزي كومىتېتىنىڭ ھازىر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئويلايدىغىنى شۇكى دېھقانلىرىمىز ۋە ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىش.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ زىشەن بازىرى تەيتۇ كەنتىگە كېلىپ، كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ ئەۋلادى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي سۈن گۇەنفا باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئائىلىسىدىكى چوڭ كىچىك ھەممەيلەننى باشلاپ باش شۇجىنى ئۆيىدە مېھمان بولۇشقا قىزغىلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ سۈن گۇەنفانىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭ ئاشخانىسى، ياتاق ئۆيى، ئارقا ھويلىسى ۋە ھاجەتخانىسىنى تەپسلىي كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇ ۋە تازىلىقنى ياخشىلاش ئەھۋالىدىن مەمنۇن بولدى.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ سۈن گۇەنفا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە شۇ جايدىكى بازار، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىڭ قانداقلىقى، ئوغلى، كېلىنىنىڭ قەيەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى، بالىلىرىنىڭ قەيەردە ئوقۇيدىغانلىقى، بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى تاماق ئەھۋالى، ئائىلىسىنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى ۋە ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى سەمىمىي سورىدى. كۆپچىلىك باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنتتىكى 109 نامرات ئائىلە كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتناشتى، كەنتتە يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلدى، يۇرتداشلار ھەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلالايدۇ، ھەم ئۆيى ئەتراپىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەم يەر ئوبوروت كىرىمى، ھەم ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمى بار، نامرات ئائىلىلەرنىڭ پايدا دارامەت كىرىمىمۇ بار، 95 نامرات ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق، ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا. شۇنداق دەيمەنكى، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بىز بۇ ئەۋلادلارغا كەلگەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ۋاقتىمىز بولۇشى كېرەك. شۇڭا، مىللىتىمىز گۈللىنىدۇ، خەلقنىڭ بەختى-سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن بۇ قېتىم سوۋېت رايونىدىكى يۇرتداشلارنى يوقلاپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغان-ياخشىلانمىغانلىقى، كونا ئازاد رايونلارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئۆز قەرەلىدە چۆرۈپ تاشلىيالايدىغان-تاشلىيالمايدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن جياڭشىغا كەلدىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى، جايلار، تارماقلار يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كونا ئازاد رايونلاردىكى خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك.

يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەش ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ روھىي قىياپىتى، ئولتۇراق مۇھىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، يۇرتداشلارنى كىشى ھەۋەس قىلغۇدەك سەھرا تۇرمۇشىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

كەنتتىن ئايرىلغان چاغدا يۇرتداشلار كەنت ئېغىزىغا يىغىلىپ، بەس-بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى ھاياجانلىنىپ كۆز يېشى قىلدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى.

شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن نەنچاڭدا ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇينىڭ، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىنبىن، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇچى، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ چاۋلياڭ، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ جياخاۋ ۋە دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىر. ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۆرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا، ئوتتۇرا رايوننىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز يەنىلا تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۈرماقتا، ئەمما، دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت كۈنسېرى چىگىش، مۇرەككەپ بولماقتا. بىز خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى تۈرلۈك پايدىسىز ئامىللارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، پىلان تۈزگەن ھامان ھەرىكەتكە كېلىشمىز كېرەك، تولۇق تەييارلىق قىلغاندىلا، ئاندىن ئىشلارنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە سەككىز تەكلىپ بەردى.

بىرىنچى، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن تېخنىكا ۋە كەسىپ ئىنقىلابىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، سىفىرلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئاقىللاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ھەر قايسى ساھەلەردە قوللىنىشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قوللاش سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىشنى تېزلىتىپ، ئىجادىي تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ كۆپ ئىلھام بېرىپ، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئۈچىنچى، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارە سودا مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ياخشىلاش كېرەك.

تۆتىنچى، گۈللەنمە كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۆتكەشنى پائال ھۆددىگە ئېلىپ، شەرقتىكى دېڭىز بويىدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئالاقىدار رايونلار بىلەن ئۇلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم ئىلغار ياسىمچىلىق كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قاتنىشىپ، سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇقلارنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە، خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركا بىلەن تېخنىكىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىپ، بايلىقتىن تېجەشلىك پايدىلىنىش، تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىي قىلغان گۈزەل ئوتتۇرا رايون قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمكۇسىلارنى تېزدىن تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

سەككىزىنچى، سىياسەت-تەدبىرلەر ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى تېخىمۇ قوللاپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستا چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيەنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، جايلار ۋە تارماقلار چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، نەتىجە ھاسىل قىلىشى كېرەك، بۇ يىل ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى، جايلار ۋە تارماقلار بۇنى باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەشتەك ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىلارنى تېخىمۇ يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىشقا ئاتلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، جياڭشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، گەننەن مەركىزىي سوۋىت رايونىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن زور ئىلگىرىلەشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جياڭشىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بەشنى بىر گەۋدىلاشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ مۇقىم ئىلگىرىلەشتەك ئومۇمىي خىزمەت رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلما تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپتىن ساقلىنىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش جەھەتتە تىرىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋىردىكى جياڭشىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ يېڭى-كونا قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسىنى پۇختىلاپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ مەۋقەنى باشلامچى كەسىپلەرگە قارىتىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سېفىرلىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش؛ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، يۆتكەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، سىياسەت زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى چوڭقۇر بىرىككەن يولنى تېپىپ چىقىش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، تاغ-دەريالارنى ياخشى ئاسراپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ جياڭشى نۇسخىسىنى يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر، ئەمەلىي قەدەم تاشلاپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، يېزا-ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. چاڭجياڭ، جۇجياڭ ۋە فۇجيەن دېلتىلىرى بىلەن قوشنا بولۇشتەك رايون ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇغۇرلۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ، كەڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق زور تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزا-ئىگىلىكىنى سۈپەتلىك گۈللەندۈرۈش، يېشىل گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا-ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن باشلاپ، چامىنىڭ يېتىشىچە، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋاقتىدا يېتەكلەپ ۋە ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بولۇشى، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستېرېئولاشقان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جياڭشى قىزىل ئەسلىمىگە تولغان قىزىل تۇپراق. پۇقرالارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش- پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسى. جىڭگاڭشەن روھى ۋە سوۋېت رايونى روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي روھىنى ياراتقان. بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي روھ زامان-ماكاندىن ھالقىغان، مەڭگۈ ۋاختى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، بىزنىڭ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىزغا ئىلھام بېرىدىغان پۈتمەس-تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەش كېرەك. جىڭگاڭشەن روھى ۋە سوۋېت رايونى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

 

 

U020190531616170688575.jpg
333333333333.jpg
2222222222.jpg