ئوكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پوروشېنكو دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش، چىرىكلىشىش، باج ئوغرىلاش قاتارلىقلار جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى
0
2019-05-23 15:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 22 -چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۇكرائىنانىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى بولغان، سابىق كومېدىيە ئارتىسى زېلېنسكى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بىرىنچى بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئۇكرائىنانىڭ ئالىي قوماندانىنىڭ ھوقۇقىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالغان، ئەمدىلا تەختكە چىققان زېلېنسكىي دەرھال «قاتتىق قول» سېلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پوروشېنكونىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلىدى، ئىگىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى پوروشېنكو زۇڭتۇڭلۇق مەزگىلىدىكى بىر قاتار دېلولار، جۈملىدىن دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش، چىرىكلىشىش، باج ئوغرىلاش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ھەتتا ئۇنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن، بۇ ھال ئىزچىل تۈردە تەمبەل قىياپەت بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان پوروشېنكونىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارىلىۋەتتى، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمدىلا باشلانغانلىقىنى، كەلگۈسىدە ئۇكرائىنانىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھېسابات ئېنىقلاش ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بوتنوف ئوتتۇرىغا چىقىپ، پوروشېنكونىڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى قاتارلىق بىر قاتار جىنايەتلىرى بار دەپ ئەيىبلىدى. جۈملىدىن باجدىن قېچىش، پۇل يۇيۇش ئارقىلىق نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى چېگرا سىرتىغا قانۇنسىز يۆتكىۋېتىش، ئەسلىدىكى ئۇكرائىنا ھەربىي خىراجىتىنىڭ قىممەتلىك مەبلىغىنى يۇتۇۋېلىپ، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپتە ئارقا سەپ تەمىناتى يېتىشمەسلىك، قورال ياراغلىرى قالاق بولۇشتەك پايدىسىز شارائىتقا دۇچ كەلتۈرۈپ، رۇسىيە لاگىرىدىكى قىسىملار بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان، ئۇكرائىنا ئالاقىدار تارماقلىرى ئەسلىدە ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە قورال - ياراغ ۋە ئوق-دورا سېتىۋېلىشقا ئىشلەتمەكچى بولغان بۇ پۇللارنى پوروشېنكونىڭ يېقىنلىرى ئوچۇقتىن-ئوچۇق چەت ئەلگە يۆتكىۋەتكەن ھەم ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى يوق،دەپ ئەيىبلىگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پوروشېنكو 2018-يىلى 11-ئايدا چۈشۈرگەن ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش بۇيرۇقىمۇ دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دەپ ئەيىبلەندى، بۇ بۇيرۇق ئۇكرائىنانى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگۈزۈپ، رۇسىيە بىلەن ئاسانلا خاتا ھۆكۈم قىلىش توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، موسكۋا ئەڭ ئاخىرىدا ۋەزىيەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن پوروشېنكونىڭ بۇ ھەرىكىتى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ۋە ھەربىي ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش دەپ قارىلىپ، ئۇكرائىنانى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا چۈشۈرۈپ قويغىلى تاس قالغان. ئىگىلىنىشىچە، پوروشېنكو يۇقىرىقى ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىپ، بۇنى ئۇنىڭ سىياسىي دۈشمەنلىرىنىڭ سەۋەبسىز ھۇجۇمى دەپ قارىغان ھەمدە ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئۇكرائىنلارنىڭ ئۈمىدىگە مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش ھەرىكىتىنىڭ بۇنداق ئاسان ئاخىرلاشمايدىغانلىقى ئېنىق .

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان ئىزچىل تۆۋەنگە قاراپ ماڭغان، پوروشېنكو تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە بارغانسېرى كۆپ ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچى يەنىلا ئىنتايىن چەكلىك بولغان، ھەر قېتىملىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مانېۋىرىدا، دوستانە دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە بولۇپ، ھەتتا كۆپ قېتىم ئەڭ ئاخىرىدا قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇكرائىنا ھەربىي تەرەپنىڭ باشقۇرۇشىمۇ ئىنتايىن قالايمىقان، مەسىلەن، بۇ دۆلەتنىڭ قورال-ياراغ ئامبىرى دائىم « تاسادىپىيلىق » سەۋەبىدىن ئوت كېتىپ، نەچچە يۈز مىڭ توننىلىق قورال-ياراغ ، ئوق-دورىلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، رۇسىيە ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ ئۇكرائىنا ھەربىي تەرەپنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى قورال-ياراغلارنى ھايىنىغا سېتىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان دېلولار بولۇشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا خەلق قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قارشىلاشقاندا دائىم پەس كويغا چۈشۈپ قالغان دەپ قارىغان.

123123.jpg
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg