شى جىنپىڭ پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنى كۆزدىن كەچۈردى
0
2019-05-23 10:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مەكتەپ باشقۇرۇش ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭ مەيدانىغا، قىسىمغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، سىياسىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئورنىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.


5-ئايدىكى جياڭشى زېمىنى ياپيېشىلىققا پۈركەنگەن، سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، نەنچاڭ قەھرىمانلار شەھىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىگە باردى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، جياڭشىدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مۇئاۋىن شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنىڭ تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلىرى ۋە شىجياجۇاڭ مەكتەپ رايونىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىس پىروفېسسورلار ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

شۆيۈەننىڭ مەشق مەيدانىدا كۇرسانتلانىڭ جانلىق، جۇشقۇن ھالدا، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۆكنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇشلاشتۇرۇلغان مەشق قىلىۋاتقانلىق مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

شى جىنپىڭ مەشق مەيدانىنىڭ يېنىغا بېرىپ، كۇرسانتلارنىڭ مەشق قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. قاتتىق مەشق كۇرسانتلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى، ئىرادىسى، پىسخىكىسىنى قاتتىق تاۋلاش، جەڭ مەيدانىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن ئەھمىيەت ئىگە. شى جىنپىڭ پىيادە قاتتىق مەشقلەندۈرۈش مەيدانىغا كىرىپ، مەشق ئەسلىھەلىرى ۋە مەشق ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كۇرسانتلار تامدىن ئۆتۈپ سۇغا سەكرەش، شوتىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، قەدەممۇ-قەدەم ئېگىزلىكتىن ئۆتۈش، ئېگىز تامدىن ئۆتۈش، بۇلۇت شوتىسىغا يامىشىش، ئېگىز بوشلۇقتا ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش، ياغاچ كۆتۈرۈش قاتارلىق مەشقلەرنى قىلدى. شى جىنپىڭ كۇرسانتلارنىڭ لايغا مىلىنىپ، توسالغۇلارغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى.

شى جىنپىڭ مەشق مەيدانىدىن ئايرىلىپ، شۆيۈەننىڭ قىزىل بايلىق تەتقىقات مەركىزىگە باردى. ئۇزۇندىن بۇيان شۆيۈەن قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گېن روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش جەھەتتە پائال ئىزدەندى.

شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، شۆيۈەننىڭ ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد لاياقەتلىك قىزىل ئارمىيە ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
ئارقىدىن شى جىنپىڭ شۆيۈەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانداق مەكتەپ قۇرۇش، قانداق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتەپ ئېچىپ ئادەم تەربىيەلەشتە ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەكتەپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان جاي، شۇڭا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گۇتيەن پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمىتى يىغىنى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇش تەلىپىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىي مەكتەپلەر ئۇرۇش سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، چوقۇم ئەمەلىي ئۇرۇشنى چۆرىدەپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. ئۇرۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش، بارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە دىققەتنى ئۇرۇش قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئۇرۇش قىلىشتا نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى ئۆگىتىش، قىسىم نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى مەشق قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تەمىناتىنى كەلگۈسىدىكى جەڭ مەيدانى ئېھتىياجى بىلەن دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي نىشان خەرىتىسى، يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش قىلىش خەرىتىسىنى تۈزۈپ، بىر پىلاننى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات بىلەن ئۆزگەرتىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە دادىل ئازاد بولۇپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ۋەزىيەت، ۋەزىپە ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ، پەنلەرنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، كەسپ تەسىس قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى يېڭىلاپ، پەن، كەسپ قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈجۈپىلەپ ئەلالىرىنى توپلاش، مەكتەپ ئېچىش، بىرلىشىپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شۆيۈەندىكى ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شۆيۈەن سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۈرۈشلۈك كاپالەتنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، تەلىم-تەربىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شۆيۈەن پارتكومى بەنزىسى ئۆز قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي چېنىقىشنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ،كۆپچىلىكنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شۆيۈەن قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. قاتتىق بولۇش، ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىش، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئىستىلى، ئوقۇتۇش ئىستىلى، تەتقىقات ئىستىلى، ئىمتىھان ئىستىلىنى چىڭىتىپ، «تۆت خاھىش» بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

123123.jpg
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg