پۇتىن ئالاھىتەن بېرىپ قۇچاقلاپ كۆرۈشكەن بۇ ئايال كىم؟
0
2019-05-14 20:20:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

پۇتىن ئوقۇتقۇچىسىنى كۈلۈمسىرىگىنىچە قۇچاقلىدى

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، يېقىندا بىر پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى بىر قاراپلا تونۇۋالغان، ھەمدە ئالدىغا بېرىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغان. بۇ ئىللىق كۆرۈنۈشنى تاراتقۇلار سۈرەتكە ئېلىۋالغان.

«نيۇيورك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، رۇسىيە ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 74 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن كرېمىل سارىيىدا غەلىبە كۈنىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئارىلىقتا ئادەمنى تەسىرلەندۈرگۈدەك بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولغان، ئىتتىك قەدەم بىلەن مېڭىۋاتقان پۇتىن، كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇرغان ئوقۇتقۇچىسى ۋېرا گۇرىۋېچنى بىر قاراپلا تونۇۋالغان، ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ، پىشانىسىگە سۆيۈپ قويغان.

ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ئىككىسى خۇشال ھالدا كۈلۈشۈپ كەتكەن، پۇتىن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، قىسقىچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ پائالىيەتكە داۋاملىق قاتناشقان.

بۈگۈنكى رۇسىيەنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشچە، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن ۋېرا گۇرىۋېچ، پۇتىن لېنىنگراد 193-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا بەشىنچى يىللىقتىن سەككىزىنچى يىللىقىچە سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ، نېمىس تىلى ئۆگەتكەن. ئىلگىرى ۋېرا گۇرىۋېچ رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پۇتىننىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئىنتايىن كەپسىز ئىكەنلىكىنى، بەزىدە دەرستىنمۇ قاچىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى پۇتىن (كەينى رەت سولدىن ئىككىنچىسى)

پۇتىن گەرچە ھازىر رۇسىيە زۇڭتۇڭى بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ۋېرا گۇرىۋېچتىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىكى رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بېرلىننا بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى. بېرلىننامۇ پۇتىنغا ئىنتايىن ئامراق ئىكەن، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پۇتىن ئۆزىگە سوۋغات قىلغان ئۆينى قايتىدىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان بۇ ئوقۇغۇچىسىغا قالدۇرۇپ قويغان.

 

 

 

 

 

 

未标题-1.jpg